شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشتا شىنجاڭ قەتئىيلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

بىر يىلدىكى گۈزەل 4 - ئاي يەنە يېتىپ كەلدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 2 - يىلى، 2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇن ۋە رولغا ئىگە، بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش؛ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىللە، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قورغاس تۆمۈريول پورتىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغانلىقىغا ئالتە يىل بولغان كۈن.

شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالتە يىلدا قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئومۇمىي سانى جەمئىي 19 مىڭ 526گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2021 - يىلىلا قاتنىغان پويىز سانى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تۆمۈريول پورتلىرىدا قاتنايدىغان پويىز سانىنىڭ %50ىگە يېقىننى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم تۈر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى قۇرۇشىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

ۋاقىتنى 2013 - يىلى كۈزگە قايتۇرساق، باش شۇجى شى جىنپىڭ غەربتە قازاقىستان، جەنۇبتا ھىندونېزىيەگە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇش مۇھىم، زور تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2014 - يىلى، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بېكىتىلدى.

غەمخورلۇققا زور ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن. شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى.

2021 - يىلى 5 - ئايدا، مەملىكەتلىك جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، قورغاس شەھىرى يىغىن ئورنى قىلىپ تاللاندى. نېمە ئۈچۈن؟

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرقتىن ئېلىپ كېلىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتەك رايون ئورنى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ غەربىي يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىن يولغا چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىپ، لىنىيەسى قاتنىغانسېرى كۆپىيىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ياۋروپا - ئاسىيا خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

ئوخشاشلا بۇلتۇر، شەندۇڭ پورتى قۇرۇقلۇق - دېڭىز خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا ماكانلاشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ مول يۈك مەنبەسى، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى شەندۇڭدىكى پورتلار توپىنىڭ كۈچلۈك بولغان دېڭىز پورتى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، «غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بىرلەشكەن، جەنۇبتا جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشقان، شەرقتە ياپونىيە، كورېيە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ئۇلانغان» خەلقئارا كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت سودا چوڭ يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئۆزئارا تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يېتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلدى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈلۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىندى.

بۇ توققۇز يىلدا يادرولۇق رايوننىڭ قۇرۇقلۇق يولى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۆمۈريول بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول (1 - دەرىجىلىك تاشيولنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 9400 كىلومېتىردىن ئاشتى؛ ھاۋا يولى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ سانى 23كە يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە بولۇپ قالدى؛ تۇرۇبا تورى ئالاقىسى سىجىل مۇكەممەللەشتى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى يانداش توك مەنبەسى يىرىك پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى... شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق بىرلەشتۈرۈش»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسمان، توردىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاشقا كۈچ توپلىدى.

ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىدا چوڭقۇر، پۇختا قەدەم تاشلاندى

3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كىرىپ، مۇنارسىمان كىراننىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسىنى كۆردۈم ... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى سىجىل تېزلىتىلدى.

«ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، بۇلتۇر مۇقىم مۈلۈككە 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 56 كارخانا يېڭىدىن كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىي 3263كە يەتتى. بۇ يىل 23 تۈر قۇرۇلىدۇ، بۇ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى، يانداش ئۇل ئەسلىھە، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ» دېدى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ خېخۇا.

توققۇز يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكىلىك كۈچ قوشتى. شىنجاڭنىڭ بۇ مەنزىرە سۈرىتىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى باشلامچى قىلىنىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار، چېگرا بويىدىكى پورتلارنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇنۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد ۋاسىتىسى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ 2030 - يىلىغىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ھەمكارلىق مەركىزى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون(يانداش رايون)دىن ئىبارەت كۆپ رايون گىرەلەشكەن، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان سىياسەت ئەۋزەللىكى بىلەن «ئۇۋا ياسىلىپ»، «ئالتۇن سۇمۇرغ» جەلپ قىلىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى، سودا ئوبوروتى، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى، مەبلەغ ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى قاتارلىق مۇھىم ئامىللار تېزدىن توپلىشىشقا جەلپ قىلىندى، تەرەققىيات ئىشەنچى باھاردا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنەكلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى ھەم قاتناش تۈگۈنى، ھەم بايلىق ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇپ، تەڭداشسىز رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە. 2021 - يىلى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى %40.8 ئاشتى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ %75.2 ئاشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، «پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇش» «كۆتۈرۈپ قاچىلاش» «چېگرا كۆۋرۈكىدە تاپشۇرۇش - تاپشۇرۇۋېلىش» «بوشلۇقتىكى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، شىنجاڭدىكى پورتلاردىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئومۇمىي ئۆتۈش ۋاقتى 30.28 سائەت، ئېكسپورت قىلىنغان ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئومۇمىي ئۆتۈش ۋاقتى 22.2 مىنۇت بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت بويىچە تاموژنىدىن ئومۇمىي ئۆتۈش ۋاقتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ھەمىشە بىر رايوننىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ ئىپادىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ بىر ئەينىكى. پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن، دۇنياغا يۈزلەنگەن شىنجاڭ مۇشۇنداق جاسارەت ۋە ئىشەنچكە ئىگە.

نۇقتىلىق ئېچىۋېتىلگەن بۇ سۇپا ۋە ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلدى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي پايدىلىنىلغان تاشقى مەبلەغ جەمئىي 1 مىليارد 345 مىليون دوللار، ئەمەلىي تاشقى بىۋاسىتە سېلىنما جەمئىي 4 مىليارد 630 مىليون دوللار بولۇپ، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.

يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «قەلبنى تۇتاشتۇرۇش» ئىلگىرى سۈرۈلدى

يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايىتى بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بويىچە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ھەم سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، 33 تۈردە ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 14 مىليارد 995 مىليون يۈەن بولدى.

«بىز تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ مۇھىم، زور پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتۇق، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، توپ سودىگەر چاقىرىش ۋە سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش - دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فېڭ چۇنخاۋ.

كىچىككىنە ئالامەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مەشغۇلاتى دەل شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشقا قويۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قوبۇل قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرقتىن ئېلىپ كېلىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش. تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ شىنجاڭغا توپلىنىشى، كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشى، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىغا ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى تېز شەكىللىنىپ، يېڭى مۇساپىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى!

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان توققۇز يىل يەنە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتكەن توققۇز يىل بولدى.

جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىسى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان تاجىكىستاننىڭ دۈشەنبە 2 - نومۇرلۇق تېرموئېلېكتىر ئىستانسىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى. دۈشەنبە 2 - نومۇرلۇق تېرموئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 400 مېگاۋاتلىق تۆت گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇقىم ئايلىنىپ، يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىقنى ئۈزلۈكسىز تۈردە شەھەر - بازار ۋە يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزدى.

دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پاكىستانغا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگو شامال ئېلېكتىر ياسىمىچىلىق كارخانىسىغا ئايلاندى. ھازىرغىچە، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پاكىستاندا يەتتە شامال ئېلېكتىر تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن بولۇپ، ھەر يىلى شۇ جاينى 1 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كۆپچىلىككە ياخشى بولسا ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش تارقاتقان غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىدىن ھېچكىم ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى زور بىر تۈركۈم كارخانىلار دۆلەت دەرۋازىسىدىن پائال چىقىپ، توك يەتكۈزدى، يول ياسىدى، كۆۋرۈك سالدى، پار يەتكۈزدى، گاز بىلەن تەمىنلىدى... بۇ تۈرلەر خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، خەلق رايىنى ئىپادىلەپ، خەلق ئارزۇسىنى مۇجەسسەملەپ، شۇ جايدىكى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەندىشە قىلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىپ، ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ كارخانىلىرى ئون دۆلەت ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا مەملىكەت سىرتى ئامبىرىدىن 46نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىدىن 181 تۈرنى ئۆرنەك قىلدى، كېڭەيتتى؛ جۇڭتەي يېڭى يىپەك يولى تاجىكىستان يېزا ئىگىلىك توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسى 3 -، 4 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى؛ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زامبىيە، تانزانىيەدىكى تۈرلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى...

ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، «قەلبنى تۇتاشتۇرۇش» كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەرەققىيات رېئاللىقى ئەڭ ياخشى مىسال.

شىنجاڭ پۇرسەت ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك، ئېجىل - ئىناقلىق ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىمنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، توققۇز يىللىق مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت