شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بۇ تەدبىرلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2022-04-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۇڭ چېن، شۈ پېڭخاڭ) يېقىندا، دۆلىتىمىزدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى تېز، يۇقۇم كۆپ نۇقتىدا تارقالغان بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولدى. بۇ، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە ئۇدۇل كېلىپ قالدى، سەپەرگە چىققاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر نوپۇزلۇق تەكلىپ بەردى.

ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لېي جېڭلۇڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالدى، ھەرقايسى جايلار يەنە داۋاملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىي، تۆۋەن كاربونلۇق قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

لېي جېڭلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا كۆپرەك چىقىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. لېكىن يەنە ئۈستى يېپىق جايلاردا توپلىشىۋالماسلىق، ماسكا تاقاش، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قولنى پات - پات يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سالامەتلىكنى ئاسرىشى كېرەك.

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ مۇنداق ئەسكەرتتى: سىرتقا چىقىپ باھار سەيلىسى قىلغاندا، چوقۇم شەخسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك. ئۆلكە ئاتلاپ باھار سەيلىسى قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، ئۆلكە، شەھەر ئىچىدە باھار سەيلىسى قىلغاندا، چوقۇم مەنزىلگاھنى ياخشى تاللاش، بولۇپمۇ مەنزىلگاھتىكى يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىشلارنى ئالدىن ئىگىلەش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇم كۆرۈلمىگەن جايلارغا نىسبەتەن، سىرتقا چىقىشتا ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش شەكلىنى تاللاش كېرەك. ئەگەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، يولدا چوقۇم شەخسىي مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىگە قارىتا، ۋۇ زۈنيوۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەگەر بۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئاتلاشقا چېتىلسا، ئەنئەنىۋى قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، زامانىۋى ئېلېكتىرون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تور ئارقىلىق قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈشكە بولىدۇ. ئۆلكە ئاتلىمايدىغان قەبرە يوقلاش - سۈپۈرۈش پائالىيەتلىرىدە چوقۇم قەبرىستانلىق بار جايدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەمدە قەبرىستانلىقنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئىگىلەش كېرەك.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، كىشىلەر زىچ توپلاشقان، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى. ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەر توپى تېزدىن ۋاكسىنا ئەملىتىشى، پۈتۈن جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن كىشىلەر توپى تېزدىن تولۇقلاپ ئەملىتىشى كېرەك. كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىشكە ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بەلگىلەنگەن ئارىلىق ۋاقىت كەلگەندە تېزدىن كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت