شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ خۇش ھىدى يىراقلارغا تارالدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-31 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق» پويىز قاتنىغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە −

ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ خۇش ھىدى يىراقلارغا تارالدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان T9526 - قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق» پويىزنىڭ ئاشخانا ۋاگونى يېڭىدىن بېزەلگەن بولۇپ، قويۇق خۇشاللىق كەيپىياتى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 30 نەچچە يولۇچى ۋە پويىز خادىمى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىرلىكتە بۇ نۆۋەتچى پويىز قاتنىغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىغا بولغان سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى.

«مەن بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدۇم.» يولۇچى چېن دالىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر يىلى ئۈرۈمچى بىلەن خوتەن ئارىلىقىدا 20 نەچچە قېتىم قاتنايدىكەن، بۇ نۆۋەتچى پويىز قاتنىغاندىن بۇيان ئىزچىل ئولتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، پويىزدىكى نۇرغۇن پويىز خادىمى بىلەن قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قاپتۇ، «پويىزنىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلەشتى، يولۇچىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى».

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق» پويىز 2017 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ قاتنىغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە 1996 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، بۇ نۆۋەتچى پويىز 5 مىليون 598 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچىنى بىخەتەر توشۇپ، يولۇچىلار ئۈچۈن 6215 قېتىم ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، يولۇچىلار ئەۋەتكەن تەقدىرلەش خېتىدىن 155نى، لەۋھەدىن 103نى تاپشۇرۇۋالغان.

«بىز ھەر مىللەت يولۇچىلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئانار گۈلللىرى ئېچىلدى ماركىسىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك سۇپا ھازىرلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى خوتەن 1 - ئەترىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گو چىڭ.

بەش يىلدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق» پويىز «كۆچمە دەرسخانا بەرپا قىلىش، مىللەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، خاس مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مۇلازىمەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز تىكلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشچىلار ئاۋانگارتى» «مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئاۋانگارتى» «مەملىكەت بويىچە 4 - ماي قىزىل بايراقدار ئىتتىپاق ياچېيكىسى» «مەملىكەت بويىچە ياشلار مەدەنىي كوللېكتىپى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

«بۇ نۆۋەتچى پويىزدا نۆۋەتچىلىك قىلىش داۋامىدا مەن خېلى كۆپ ئۆسۈپ يېتىلدىم ھەم نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئىگە بولدۇم. بىز تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى داۋاملىق ساقلاپ، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق> پويىزى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىپ، تېخىمۇ كۆپ بەختنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسى خوتەن 1 - ئەترىتى خوتەن ئالاھىدە تېز پويىز 1 - گۇرۇپپىسىنىڭ پويىز باشلىقى مېھرىبان ھېيت.

بەش يىلدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش ناملىق» پويىز «كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش، ئازادە بولۇش، ئىللىق بولۇش، ئەستايىدىل بولۇش، خاتىرجەم بولۇش»تىن ئىبارەت «بەش بولۇش» مۇلازىمىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ھۆسن قوشۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت