شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسى نەق مەيدانىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-29 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تارتىلغان تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى نەق مەيدانى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، «21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا كوللېكتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھادىسە يۈزبەرگەن جايدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ شياۋباڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا كوللېكتىپ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھادىسە يۈزبەرگەن جايدىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 14لەر ئەتراپىدا، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندا گۈدۈك چېلىندى، «21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ھادىسىسى بويىچە دۆلەت جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى بارلىق خادىملار، ھادىسە يۈزبەرگەن نەق مەيداندىكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاتارلىقلار ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان تەرەپكە قاراپ ھۆرمەت بىلەن ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق قازا قىلغانلارنى چوڭقۇر قايغۇ بىلەن ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ياردەملىشىپ، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى، دەپنەخانا قاتارلىق جايلاردا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە تارقاق قانات يايدۇردى.

نۆۋەتتە، قوماندانلىق ئىشتابى ئايروپىلان قالدۇقى، جەسەت قالدۇقى، قالدۇق بۇيۇملار ۋە تۈرلۈك ماددىي ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىزدەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، قالدۇق ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ھادىسىنى تەكشۈرۈشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرماقتا.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت