[ئىستون سۆزى]
مەشرەپتىن مۇقامغىچە، ئات بەيگىسىدىن دوگۇر توپقىچە، قارا جورغىدىن ساۋۇردىڭغىچە، كۈيدىن خۇائېرغىچە، كەشتە تىكىشتىن كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرىغىچە... بارغانسېرى كۆپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېتىز، كوچىلاردىن چىقىپ، ئادەملەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، ماددىي بۇيۇملار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، تۇرمۇش ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جانلاندى، قىزىدى، بۇ، دەل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشايلى» مەخسۇس ئىستونىدا «گۈزەل شىنجاڭ · غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ئۇچرىشىش» پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قالدۇرغان ئىزلارغا ئەگىشىپ، ھۈنەر گۈزەللىكى، تۇرمۇش گۈزەللىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكى، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ.
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىغا كىرسىڭىز تاتلىق ئۈزۈملەرنى تېتىپ، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا، يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايسىز. بۇ مەنزىرە رايونى 16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بەرپا قىلغان شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شۇ جاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆرگەزمە سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرىدىن 4640 تۈر بېكىتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك 94 تۈر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 315 تۈر بار؛ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ۋارىستىن 112 نەپەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ۋارىستىن 549 نەپەر بېكىتىلدى ھەم مەخسۇس مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، سورۇن بىلەن تەمىنلەش، تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ۋارىسلارنىڭ شاگىرت قوبۇل قىلىپ ماھارىتىنى ئۆگىتىشىگە ئىلھام بېرىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدرىجىي ھالدا «ئادەملەر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، ماددىي بۇيۇملار ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، تۇرمۇش ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈش»كە قەدەم قويۇلۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى شەكىللەنمەكتە.
ھۈنەر دېمەك پايدا دېمەكتۇر
باھار نۇرىغا چۆمگەن 3 - ئايدا، شامالدا ئۆرۈك چېچىكىنىڭ خۇش پۇرىقى ھەممە جايغا تاراپ، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» تۇرپاندا داغدۇغىلىق باشلاندى. «چېچەكلەر ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر كەلدى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىمۇ قىزىپ كەتتى. بىز ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ چىقىمىز، سېتىش يوللىرىدىن ھەرگىز غەم قىلمايمىز.» دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈللۈك كىگىزى، گۈللۈك رەخت توقۇش، بوياش ھۈنىرىنىڭ ۋارىسى پەرىدە مەمەت گۈل بېسىلغان بىر خىل پاسوندىكى مودا كىيىمنى لايىھەلەۋاتاتتى. ئۇ ئىشلىتىۋاتقان تامغا قېلىپىنى ئۇستاملارنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس ياساتقان، بۇ خىل تامغا قېلىپتىن يۈزگە يېقىنى بار بولۇپ، بەلگىلىك قائىدە بويىچە، ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلاش ئارقىلىق، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى گۈللۈك رەختلەرنى تەييارلىغىلى بولىدۇ.
بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى»غا رەسمىي ۋىۋىسكا بېرىلدى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، قازانچى خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت رايونى، خوتەن تۇەنچېڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتكە ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشقا سىڭىشىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.
قازانچى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىدا شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكى، قازاق مىللىتى كەشتىچىلىكى، ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىكى ھەرقايسىسى ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى، قۇم قاتما رەسىم، ياغاچ ئويما رەسىم، تېرە رەسىملەر كۆزنى قاماشتۇراتتى. قازانچى خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھەت رايونىنىڭ باش دىرېكتورى ھەلىمە ئاۋۇت مۇنداق دېدى: «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ماكانلىشىشى مەنزىرە رايونىنىڭ ئادىمىيەت پۇرىقىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا ساياھەت مەزمۇنىنى بېيىتتى، ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قالدى».
نەپىس، كۆركەم ياغاچ قاچا، ياغاچ تەخسە، ياغاچ ساندۇق ۋە شوخ مۇزىكا ئاۋازى تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى خوتەن تۇەنچېڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرىدىكى داڭلىق ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنىغا كىرىشكە جەلپ قىلدى. «ھۈنەر دېمەك پايدا دېمەكتۇر. مېھمانلار ياغاچ جابدۇقلارنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ياساش جەريانىنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا قول سېلىپ بىۋاسىتە ھېس قىلىپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.» دۇكان ئىگىسى تۇردىمەمەت مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەن دۇكانغا ئالايىتەن ساياھەتچىلەرنىڭ بىۋاسىتە ھېس قىلىشى ئۈچۈن بىر يۈرۈش سىلىقلاش ماشىنىسى سەپلىدىم.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرىنىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تارماقلىرى «ئىلمىي قوغداش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇپ گۈللەندۈرۈش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، شىچۈ تىياتىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋارىسلىرىنى مەنزىرە رايونى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا - رايونى، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىقلارغا كىرىپ، نەق مەيداندا كۆرگەزمە ئويۇنى قويۇش، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ماھارەت ئۆگىتىشكە تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. بۇ يىل يەنە ئالتاي ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىكى A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مال سېتىۋېلىش بايرىمى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى ئۆتكۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ۋارىسلىق قىلىش دەۋرنى تۇتاشتۇردى
2019 - يىلى پەرىدە جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى توپىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتىلدى، «ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ماڭا گۈللۈك رەختنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىنىڭ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى» دېدى پەرىدە.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دېگەن زادى نېمە؟ «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گۈللۈك كىگىزى، گۈللۈك رەخت توقۇش، بوياش ماھارىتى» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرى بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك گۈللۈك رەختتىن تىكىلگەن كىيىم - كېچەك ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلانمايدۇ، گۈللۈك رەخت توقۇش، بوياش ماھارىتىلا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ جىسمىدا، قولىدا، كاللىسىدا گەۋدىلىنىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى «سول قولى بىلەن تۈنۈگۈننى تۇتاشتۇرىدۇ، ئوڭ قولى بىلەن ئەۋلادلارغا تاپشۇرىدۇ»، ئۇلار ئۆزگىچە ماھارىتى بىلەن يىللار ئىزنالىرىنى تولۇقلايدۇ، دەۋرنى تۇتاشتۇرىدۇ. ۋارىسلار توپىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ۋارىسلىق قىلىش زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشقا قانداق ياردەم بېرىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تېما.
ھەر يىلى ئەتىياز كېلىشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى (دولان مۇقامى)نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى ئەخەت توختى مەكىت ناھىيەسىدىكى دولان مۇقامى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ بۇ سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. «ئۇلارغا مۇقام ئېيتىشنى، دولان راۋابى، قالۇن چېلىشنى ئۆگەتتىم، ئۇلارنىڭ بۇ سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم» دېدى ئەخەت توختى. مەكىت ناھىيەسىدىكى دولان مۇقامى تەربىيەلەش كۇرسى 300دىن ئارتۇق دولان مۇقامى سەنئەتكارىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، ئۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ساياھەتكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت قابىللىرى قوشۇنىنى زورايتىش جەھەتتە پائال تۆھپە قوشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭدا نۆۋەتتە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش سورۇنىدىن 250 نەچچىسى بار بولۇپ، ۋارىسلار ۋە ھەۋەسكارلارنى مول مەزمۇنلۇق ماھارەت ئۆگىتىش، ماھارەت ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى قېزىش ۋە يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ۋارىسلارنى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتتى. مەسىلەن، 2021 - يىلى شاڭخەي داشۆ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئىككى قارار كەشتىچىلىك ۋارىسلىرى توپىنىڭ تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى، يەتتە ساھە باشلامچىسى ۋە كەسپىي تايانچ سۇجوۋ ھۈنەر - سەنئەت، گۈزەل سەنئەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىپ، ۋارىسلارنىڭ ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچەپ ياردەم بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەخسۇس مەبلەغ ياردەم پۇلى بېرىش، سورۇن بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ۋارىسلارنىڭ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ماھارەت ئۆگىتىشىگە ئىلھام بېرىلدى.
2021 - يىلى «شىنجاڭ ياخشى جاي − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئىشلەش ماھارىتى يۇقىرى، كۆرگەزمە قىلىش ئۈنۈمى ياخشى، زامانىۋى پۇرىقى قويۇق، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇندى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدە تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەش ئۈچۈن يېڭى يول ۋە يېڭى ئەندىزە تاپتى، شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ياش دوستلارنىڭ ئۇچرىشىشى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلىدىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى. شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەردە، ياش چىرايلار بارغانسېرى كۆپەيدى.
چەت ئەل كارخانىلىرىدىكى ئاق ياقىلىقلاردىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگىچە، شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى دۇڭ لەن شىنجاڭ لەنپەي مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپى چەكلىك شىركىتىدىكى كەشتىچى ئاياللارنى يېتەكلەپ، رەڭگى ئوچۇق ۋە كۆركەم، شەكلى نەپىس، يىڭنە ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن گۈل نۇسخىلىرىنى كىيىم - كېچەك، ئاياغ كىيىم، باش كىيىم، ئائىلە بۇيۇملىرىغا كەشتىلىدى. «شىبە مىللىتى كەشتىچىلىكىدە لايىھەلەش زامانىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشى، ياشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك. ھازىر بىز مەھسۇلاتىمىزغا مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قوشۇپ چۈشەندۈرۈپ، تارىخىي ھېكايە، نەقىش مەنىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى دۇڭ لەن.
ئۈرۈمچىدىكى تېرە ئويما لايىھەلىگۈچى مېڭ لۇلۇ ئەنئەنىۋى تېرە ئويما نەقىش لايىھەسىنىڭ بىر خىللا بولۇش ئەھۋالىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئۇ ئىستېمالچىلار توپىنى تەكشۈرۈشكە ھەم دۆلەت ئىچىدىكى تېرە ئويما مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، كۈسەن تام رەسىمى، قىزقۇۋار، كەشتىچى ئايال، يىلپىز قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئېلېمېنتلىرىنى لايىھەگە سىڭدۈرۈپ، تور سۇپىسىدا نەچچە ئون مىڭ مەستانىنى جەلپ قىلدى، ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن بىلىم ئالغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.
«تۈگۈچ ئەنئەنىۋى ئاسما بېزەك ئورنىدا ئىشلىتىلىشتىن باشقا، يەنە زىننەت بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك، سومكا، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى بېزەشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىپ، لايىھە نۇسخىلىرىنى بېيىتقاندىلا، ئىشلىتىش قىممىتىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.» تۈگۈچ سەنئىتىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى خۇ لىنشېڭ تۈگۈچ بىلەن ئالتۇن - كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، بېغىش ھالقىسى، بىلەزۈك، زەنجىر قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇيۇملىرىنى ياساپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
ئەتىيازنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى چالغۇ ياساش ئۇستىسى قۇربان شەمشى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى چالغۇ ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بىزنىڭ كەنتتە ھەممەيلەن ناخشىچى، ھەممە ئائىلىدە ساز ئاۋازى ياڭراپ تۇرىدۇ، يېرىمدىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى ساتار، دۇتار، تەمبۇر ياسايدۇ، ئەنئەنىۋى چالغۇ ياساش قوشۇنىغا قاتناشقان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.» قۇربان مۇنداق دېدى: جاي كەنتى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ چالغۇ ياساش ماھارىتىنىڭ كارامىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
مەنبە: