شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ پويىز يۈرۈش يېڭى خەرىتىسىنى يولغا قويىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو تۆمۈريولى:

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ پويىز يۈرۈش يېڭى خەرىتىسىنى يولغا قويىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فەن شى) 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى 12306 ھۆكۈمەت تورى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بىلدۈرۈلدى: تۆمۈريول تارماقلىرى 4 - ئاينىڭ بېشىدا يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى پىلانلىدى. ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن يولغا چىقىدىغان ھەر قېتىملىق يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ بېلىتىنى سېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، بېلەت سېتىش ۋاقتىنىڭ 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەرلەندى.

دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريوللاردا پويىز يۈرۈش يېڭى خەرىتىسى يولغا قويۇلىدىكەن. يېڭى خەرىتىدە تۆمۈريول يېڭى لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە يولۇچى، يۈك پويىزلىرىنىڭ يۈرۈش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئويلىشىلغان بولۇپ، توشۇش كۈچى بايلىقى دەل جايىدا تەقسىملىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە پائال مۇلازىمەت قىلىنىدىكەن.

بىرىنچى، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ يۈرۈش يولى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللىشى بېيىتىلىدۇ. خېفېي - ۋۇخەن، خېفېي - نەنجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، خۇبېي رايونى بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرۇش بىلەن بىللە، پات ئارىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان خۇاڭگاڭ - خۇاڭمېي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئالاقە لىنىيەسى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى يەنىمۇ جانلاندۇرۇلۇپ، خۇبېيدىن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىغا بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يوللىرى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللىشى بېيىتىلىدۇ.

ئىككىنچى، توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنى توشۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە پائال مۇلازىمەت قىلىنىدۇ. پات ئارىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغان شىڭتەي - خېشۇن ناھىيەسى تۆمۈريولىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، خېشۇن ناھىيەسىدىن شىڭتەينىڭ جەنۇبىغا بارىدىغان يۈك پويىزدىن تۆتى كۆپەيتىلىپ، ئاساسلىقى سەنشىنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ؛ خاۋلېباۋجى - جىئەن تۆمۈريولىنىڭ پويىز قاتناش قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، 10 مىڭ توننىلىق ئېغىر يۈك پويىزى تۆتتىن سەككىزگە كۆپەيتىلىپ، شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇيدىغان ئېغىر يۈك تۆمۈريولى چوڭ يولىنىڭ توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ؛ بېيجىڭ - شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قويۇپ بەرگەن ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ توشۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ۋاتاڭ - رىجاۋ تۆمۈريولىدىن بېيجىڭ - شاڭخەي ئادەتتىكى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغىچە بولغان بۆلەكتە كۆمۈر پويىزىدىن تۆتى كۆپەيتىلىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلۇپ، دۇنخۇاڭ لىنىيەسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا دۇنخۇاڭ لىنىيەسى، لەنجوۋ - چىڭخەي لىنىيەسىدىن ئۆتىدىغان يۈك پويىزىدىن 14ى كۆپەيتىلىدۇ؛ 2022 - يىللىق كۆمۈرنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توشۇش توختامىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتىدىن ھالقىغان توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنى توشۇيدىغان بىۋاسىتە يۈك پويىزىدىن 54ى كۆپەيتىلىپ، توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

ئۈچىنچى، خەلقئارا بىرلەشمە تىرانسپورت، دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت يۈك پويىزى كۆپەيتىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىدۇ. جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىنىڭ يول ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يول بولۇشتەك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىنىڭ كۇنمىڭنىڭ شەرقىدىن موخەنگىچە بولغان بۆلىكىدە چېگرا ھالقىغان يۈك پويىزىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن تۆتى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى نۆۋەتچى پويىزىدىن ئۈچى كۆپەيتىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن شەھەرلەرنىڭ خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ قاتناش دەۋرىيلىكى زىچلاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقى ۋە سودا تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت