شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گوۋۇيۈەن «<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات>تىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، گوۋۇيۈەن «<ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات>تىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىش تەقسىماتى پىكرى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىدا ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، «ئىش تەقسىماتى پىكرى»دە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 44 جەھەتتىكى 52 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرىغا ۋە ئالاقىدار جايلارغا بىرمۇبىر تەقسىم قىلىندى ھەم مەسئۇلىيەت ۋە تاماملاش مۇددىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«ئىش تەقسىماتى پىكرى»دە مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، خەلققە بەرگەن ۋەدىمىزنى نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

«ئىش تەقسىماتى پىكرى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىل ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىپىسى ئېغىر، خىرىس كۆپ بولۇپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بالدۇر تۇتۇپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلار ئىش تەقسىماتى پىكرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئىش تەقسىماتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ئالاقىدار تەلەپ بويىچە گوۋۇيۈەنگە سۇنۇشى كېرەك.

«ئىش تەقسىماتى پىكرى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئىلمىي پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك.

«ئىش تەقسىماتى پىكرى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار سىياسەت تىرىكى ۋە مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، قىيىن مەسىلىلەر ۋە نەتىجە، تەجرىبىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سىياسەتنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«ئىش تەقسىماتى پىكرى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار گېپىدە تۇرۇش، ئىشنى نەتىجىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش ـ تارتىش قىلىش، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، «بىر تاياقتا ھەيدەش»، بولۇپمۇ ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنىڭ دەخلى ـ تەرۇزگە ئۇچرىشىغا ئېتىبارسىز قاراش قاتارلىق قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» بويىچە نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش ئومۇمىي ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، قەرەللىك سېلىشتۇرۇپ ھېسابات قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم ـ كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت