شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىستىل، ئىنتىزامنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش شەكلى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 2022 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ھازىر «مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى»نى ئاشكارىلايمىز، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەگەر نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئەزالىرىدا «مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى»گە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بايقالسا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى:jb@mee.gov.cn؛ خەت ساندۇقى ئادرېسى: بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى شەرقىي چاڭئەن كوچىسى 12 ـ نومۇر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، پوچتا نومۇرى: 100006.

مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە 5 ـ نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى

2022 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى

مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ئىنتىزام بەلگىلىمىسى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۆۋەندىكى ئىنتىزام بەلگىلىمىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

1. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەك بولمىغان سۆز، ماقالە قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشتە، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا، چوڭقۇر نازارەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈزەكى ئىش قىلىش، شەكىلۋازلىق قىلىش، رەسمىيەتچىلىك قىلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە «بىرنى نازارەت قىلىش، ئىككىنى دوكلات قىلىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش شەكلىنى ياخشىلاپ، نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.

2. تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك، رەھبەرلىككە قەتئىي بويسۇنۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش ۋە رۇخسەت سوراش، دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمىتىدە، جەزمەن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، تەشكىلنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىپ، گۇرۇپپا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بايقالغان ئېغىر، زور ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك، ئۆز مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىش ۋە سىرتقا قارىتا شەخسىي تەشەببۇسىنى ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، تۇرۇشلۇق جايدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئۆز ئالدىغا مېھمان قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ؛ يۇرتداشلار، مەكتەپداشلار، سەپداشلار قاتارلىقلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يول قويۇلمايدۇ.

3. خىزمەت ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك، نازارەت قىلىش خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش خىزمىتىدە، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ نورمال خىزمىتىگە ئارىلاشماسلىق كېرەك، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا نازارەت قىلىش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەلەپلەرنى قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. پاكىتنى يوشۇرۇشقا، بۇرمىلاشقا، ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى ۋە تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئالدىغا ساقلاشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك.

4. مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، نازارەت قىلىش خىزمىتى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ئالدىن ئاشكارىلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش مەزگىلىدە، خىزمەتتىن باشقا سورۇنلاردا نازارەت قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىش ياكى نازارەت قىلىشنىڭ ئىچكى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ھەرقانداق شەكىلدە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرگە نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار ھەرقانداق ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى سىرتقا ئېلان قىلىش ياكى زىيارەتنى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق نازارەت قىلغۇچى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئاشكارىلانمىغان ھەرقانداق نازارەت قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆز مەيلىچە سىرتقا ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

5. ياتاق ئۆلچىمى ۋە تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە تۇرۇشلۇق مېھمانخانا مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ياتاق پۇلى ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، ئارىلىقتا ئايرىلغاندا زۆرۈر بولمىغان ياتاقلارنى بوشىتىپ قايتۇرۇۋېتىش كېرەك، كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىق ياتاقلارنى ۋاقتىدا بوشىتىپ قايتۇرۇۋېتىش كېرەك. تۇرۇۋاتقان جاينىڭ سىرتىدا ئۆز مەيلىچە قونۇشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى نامىدا تۇرۇشلۇق جايدا ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرى ھەم باشقا كىشىلەرنى ياتاقتا قوندۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

6. كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك، شۇ جاينىڭ كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمى بويىچە خىزمەت تامىقى ئورۇنلاشتۇرۇش، زىياپەت قوبۇل قىلماسلىق، ئالىي دەرىجىلىك قورۇمىلارنى چىقارماسلىق، تاللا تاماقتىمۇ تېجەشلىك بولۇش كېرەك. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھاراق ئىچىشكە يول قويۇلمايدۇ، سىرتقا چىقىپ ئۆز خىراجىتى بىلەن كوللېكتىپ يىغىلىپ تاماق يېيىشكە يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا تاماق پۇلى تاپشۇرۇش كېرەك. نەق مەيداندا نازارەت قىلىشتا بىردەك ھەشەمەتسىز يولغا چىقىش، نازارەت قىلىنىدىغان جايدا قاتلاممۇقاتلام ھەمراھ بولۇشقا قارىتا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كەسكىن رەت قىلىش كېرەك.

7. مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكىغا چىققاندا قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكت ھەم ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ قاتناش قورالى، خەۋەرلىشىش قورالى ۋە ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئارىيەت ئېلىشقا ۋە ئىگىلىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، خىزمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆز مەيلىچە ھەيدەشكە يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ شەھەر ئىچىدىكى قاتناش ئاپتوموبىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەملىشىشىگە توغرا كەلسە، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا قاتناش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.

8. نازارەت قىلىش خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، ھاۋالە قىلغۇچى، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ياكى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۈچۈن تېما ياكى تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مۇھىت قانۇن ئىجراسى، نازارەت قىلىش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، كارخانا تىجارەت پائالىيىتى، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش ۋە تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن دەپ قويۇشقا، ئۇچۇر بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئىچكى ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

9. سوۋغاتلىق پۇل، سوۋغات، باھالىق ئاكسىيە ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ھەدىيە قىلىنغان باشقا بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ساقلىقنى ساقلاش خاراكتېرلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىرىش بېلىتىنى قوبۇل قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكت ھەم ئالاقىدار ئورۇنلاردا شەخسلەر تۆلەشكە تېگىشلىك ھەرقانداق خىراجەتنى ئاتچوت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكت ھەم ئالاقىدار ئورۇنلار ئارقىلىق ئائىلە تەۋەلىرى ياكى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى كۈتۈۋېلىپ ساياھەت قىلدۇرۇشقا، دەم ئالدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، خىزمەت ئېھتىياجى ھەم تەستىقلانغانلىرىدىن باشقا، مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

10. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراشقا يول قويۇلمايدۇ، نازارەت قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان دائىرىدىكى ئاممىنىڭ مۇھىت توغرىسىدا ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشىغا قارىتا بىردەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋاقتىدا بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك، پاسسىپلىق قىلىشقا، ئېتىبارسىز قاراشقا، بىر ـ بىرىگە بەس سېلىپ قۇرۇق تالاش ـ تارتىش قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش خىزمىتىدە، ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قاراشقا، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشقا، قوپال بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلىش خىزمىتى سورۇنىدا خالىغانچە كىيىنىشكە يول قويۇلمايدۇ. نازارەت قىلغۇچى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ساغلام بولمىغان سورۇن ۋە پائالىيەتلەرگە بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت