شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«يېڭى دەۋردە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى

«يېڭى دەۋردە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېڭى دەۋردە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرى، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق تارىخىي ئەسلىمىسى ۋە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان كۈچ مەنبەسى. دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل قان تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل ھاكىمىيەتنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش دەۋر ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچ ـ ۋەزىپىگە ئايلاندى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل گېننى داۋاملاشتۇرۇپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەيدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغدايدىغان، ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى چوڭقۇر يارىتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەشكە ئائىت سىياسەت، قانۇن ـ بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ كۆيۈنۈش، ئۇلۇغلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەقدىرلەشتە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقماي ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىي خىسلىتىنى تەقدىرلەشنى نامايان قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىگە بولغان ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە روھىي تەسەللى بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش كاپالىتى، قۇتقۇزۇش، ياردەم قىلىش، يۆلەش قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىگە بولغان تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئەدلىيە قاتارلىق مۇلازىمەت مەخسۇس تۈرلىرى بويىچە ئېتىبار بېرىش مەزمۇنىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىگە قاتناش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىشنى زورايتىش كېرەك؛ ئىنقىلابىي قۇربانلار پەرزەنتلىرىگە بولغان مائارىپ جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى زورايتىش كېرەك؛ جەمئىيەت كۈچلىرىنى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، مېھىر ـ مۇھەببەت يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش، مەدەت بېرىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىگە يۈكلەنگەن قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى قېزىپ چىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەيدىغان، كېيىنكىلەرگە تەربىيە بېرىدىغان قىزىل ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ـ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوغداش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىستېما بويىچە بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ـ قوغداش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ـ سۈپۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردىكى قوللىنىشچانلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق بەلگىلەندى: قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇشنى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەيدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغدايدىغان تەشۋىق ـ تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە قەرەللىك تەشكىللەش كېرەك؛ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھى ئەۋج ئالدۇرۇلغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى پائال ئىجاد قىلىپ، بايراق روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىق قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك؛ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەشكە دائىر نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى بەرپا قىلىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى جانلىق تارقىتىپ، يېڭى تاراتقۇلار، يېڭى تېخنىكىلار ۋە خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ ئاممىۋى خاراكتېرلىك خاتىرىلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئاڭلىق ھالدا قەبرىنى يوقلاش ـ سۈپۈرۈش، خاتىرىلەشكە جەلپ قىلىش كېرەك؛ ئىز ـ دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرىنى ئىزدەش، قوغداش ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش خىزمىتى بويىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھىنى بۇرمىلايدىغان، خۇنۈكلەشتۈرىدىغان، ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەقىقىي تۈردە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى قەرەللىك ھالدا تەتقىق قىلىشى، ھەل قىلىشى كېرەك؛ جەمئىيەت كۈچلىرىنى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، مەدەت بېرىش، يېتەكلەش كېرەك.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت