شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۆزلەپ چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مۇھىم سىياسىي نەتىجە، نەزەرىيە نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى، تۈزۈم نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر سىياسىي تەربىيەگە، ئىدىيەۋى تاۋلىنىشقا، روھىي جەھەتتە چېنىقىشقا ئىگە بولدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، تارىخىي ئىشەنچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش مەقسىتىگە يەتتى. پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەردىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قەتئىي ۋە ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ھازىر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

بىرىنچى، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىشنى كۆزلەپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيە تارىخىنى زۆرۈر دەرسلىك، دائىملىق دەرسلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، بۇنىڭدىن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئاساسىي تەلىپى، ئىلمىي پوزىتسىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ 3 - تارىخىي قارارىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى شانلىق مۇساپىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاش يولىدا قىلغان قەتئىي كۈرىشىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخىي مۇساپىنى تونۇش، تارىخىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى تەتبىقلاشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىش، كەلگۈسىنى ئىلمىي ئالدىن كۆرۈش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم ئىدىيەۋى قورال قىلىش، مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشتىكى مۇھىم قوللانما قىلىش، مۇھىم، زور سىياسىي ھەق - ناھەققە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تارىخنى بىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، توغرا تارىخنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئومۇمىي خەلقنى، بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي ئەسلىمىلەرنى مۇستەھكەملەپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەربىيەلەش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى دائىملىق مەزمۇن سۈپىتىدە ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمىنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، پارتىيە تارىخىنى دائىم ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرى ۋە ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تارىخى تەربىيەسى دەرسلىكىنى تولۇقلاش، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى شەكلىنى بېيىتىش، پارتىيە تارىخى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدىن ئىبارەت بۇ يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدىكى تەشۋىقات - تەربىيەنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئۇنى ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تارىخنى تېخىمۇ ياخشى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى تېخىمۇ ياخشى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە تارىخى تەشۋىقاتىنى مۇھىم، زور باش تېما تەشۋىقاتىغا سىڭدۈرۈپ، يۆنىلىشى توغرا، سۈپەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، شەكلى جانلىق بولغان پارتىيە تارىخى تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقى كۈچلۈك بولغان يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئىجاد قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخى پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، تەتقىقات كۈچلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك ئىلمىي قائىدە تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئىككىنچى، نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىدىن ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىدىكى سەۋەبنىڭ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدا؛ ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىكى سەۋەبنىڭ پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ھەم ئۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى ئىكەنلىكى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا؛ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا؛ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىرتۇتاش يېتەكچىلىك رولى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى يېتەكچىلىك رولى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەسلىي مەنىسىنى بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ئەمەلىيىتى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن سىستېمىلىق ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مەخسۇس تېمىلارغا، تارماق ساھەلەرگە بۆلۈپ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچلىك ھەم چوڭقۇر بولۇش، تۇتاشتۇرۇلغان ھەم ئەسقاتىدىغان بولۇش، قەتئىي ھەم باتۇرانە ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئىزاھلاپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىلىرى، مۇھىم، زور رېئال مەسىلىلەر، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىپ، سالمىقى بار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، پۇختا بولغان نەزەرىيە تەتقىقاتى ئارقىلىق نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا تىرەك بولۇش كېرەك. ئوبيېكتلاشقان، تۈرگە ئايرىلغان نەزەرىيە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تاراتقۇ يېڭى سۇپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك نەزەرىيە ئوقۇشلۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى توغرىسىدىكى ئىلمىي قائىدە، پەلسەپەۋى قائىدە، داۋلى، ئەقەللىي ساۋاتلارنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېتىشىپ ئۆگىنىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ماركسىزملىق نەزەرىيە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»تىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىپ ئۆگىنىش جەريانىنى سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش جەريانى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە بولۇشتىكى تۈپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ پارتىيەنىڭ ھاياتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش؛ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، «سىياسىي تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە ئېڭى، پارتىيە ئەزاسىلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ بىزنىڭ تۈپ سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىي ئۈنۈمىدە نامايان قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى جەزمەن قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي ئىقتىدار مەشىقى ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئەمەلىي چېنىقىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشقا، مەسىلىنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممىدە ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھەممىدە ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، خىزمەت قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ماھارىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، قەتئىي بوشاشماي ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئىشلەش ئاساسىدا، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، پىشقان تەجرىبىلەرنى مېخانىزملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، باش قاتۇرۇۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، يىللىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلار پىلانى تۈزۈشى ھەم ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قاتلام ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى خىزمەت ئورنى ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايىغا بېرىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلققە بەخت يارىتىش داۋامىدا ئاممىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدىكى يېڭى ياخشىلىنىش، قىياپىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «قۇرۇق ۋەدە» بەرمەي، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، «ئويۇن ئويناش»، «تەشتەك مەنزىرىسى ياساش»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنى كۆزلەيدىغان خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى كۆپرەك يارىتىش كېرەك.

بەشىنچى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇشنى كۆزلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئادەتتە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا نامايان قىلىپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، روھنى نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى سارايدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار، ئىزلار، خاتىرە سارىيى، مۇزېي قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار - قۇربانلار، دەۋر نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور بايرام ۋە خاتىرە كۈننى پۇرسەت بىلىپ باش تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە ئېلىپ كىرىپ، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، تاراتقۇلاردا تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى ۋاقتىدا، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت - تەدبىرلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىدىن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا كۈرەش قىلىش روھى ۋە كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا دادىل بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ جاسارەت بىلەن، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن سەمىمىي تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى مەڭگۈ ساقلاشنى كۆزلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىپ ئۆگىنىشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم تەلىپى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىشنىڭ پارتىيەمىزنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى ئىكەنلىكى، پارتىيەمىزنىڭ قانداق قىلىپ تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىش توغرىسىدا بەرگەن دەۋر جاۋابى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كىم ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كىم ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، كىمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە كاللىنى ئالاھىدە سەگەك تۇتۇش، مەيدانى ئالاھىدە قەتئىي بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتىكى چاڭ - توزانلارنى ئاڭلىق تازىلاپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار دائىم پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلار، ئەتراپىدىكى ئۈلگىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدىيە، تەشكىل، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان پەرقى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆرمەت قىلىشنى بىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقنى، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئەخلاقنى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ئىستىلنى تۇتۇش، ئىستىلنى ياخشىلاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ماركسىزملىق ئۆگىنىش تىپىدىكى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى، كېڭەيتىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىشلارغا بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيىتى بىلەن پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى يېتەكلەيدىغان، پۈتۈن پارتىيە بىرلىكتە ئۆگىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇل، يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەم دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك قاپلىغان بولۇش، ھەم تەسىرلىك، جانلىق قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى بىلىش، پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاشنى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مەركىزىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تەدبىر ۋە نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت