شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تېلېفون + زىيارەت قىلىش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تېخى ئەملەتمىگەن ئاممىنى تېزدىن ۋاكسىنا ئەملىتىشكە يېتەكلىدى. بورتالا ئوبلاستلىق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گو رېنجىن مۇنداق دېدى: «بىز ۋاكسىنا ئەملەش تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ياشانغانلار، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش». قورغاس شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى جۈنيى مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، <سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش> ئومۇمىي تاكتىكىسىدا چىڭ تۇرۇپ، <تۆت بالدۇر> تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىمىز».

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جېڭبىن مۇنداق بىلدۈردى: بىز ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك. بايىنغولىن ئوبلاستى دەرىجىگە، قاتلامغا ئايرىلغان ئېغىر، زور يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆپ نۇقتىلىق قوزغىتىش - تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مېڭ شيەنمىن مۇنداق بىلدۈردى: سانجى ئوبلاستىنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن روھ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەيدۇ.

(مۇخبىر شيا چىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، بارشا تېگېس، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ساۋ يىگۇاڭ، لياۋ جۈن)

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت