− يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (3)
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يىن لۇ، جاڭ خەيفېڭ، رېن جياڭ
3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى سېنارىيەلەشتۈرۈپ سۈرەتكە ئالغان «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق كىنو پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارا قويۇلدى. «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 70 نەچچە يىل چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋەتەننى قوغدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاجايىپ ھېكايىنى ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن بۇ كىنو كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، كۆرۈرمەنلەر كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى.
بۇ باھاردا، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلىدىغان، زامانىۋى پۇرىقى قويۇق بولغان نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى؛ مۇزېي، كۇتۇپخانىلار ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت - سەنئەت يېزا - كەنتلەرنىڭ تۇپرىقىغا رەڭدار تۈس قوشتى؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر تۈركۈم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ئېلان قىلىنىپ، تارىخنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى كۈچەيتىپ، تارىخىي مەنزىرىلەرگە جان كىرگۈزدى؛ تېخىمۇ مول، رەڭدار بولغان، كىشىلەر ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت تۇرمۇشى خۇددى باھار يامغۇرى بارلىق مەۋجۇداتقا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغاندەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلىدى.
نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش
3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مەشىق زالىدا، نەچچە ئون ئارتىس ھەربىر ئۇسسۇل ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن مەشىق قىلىۋاتاتتى. چوڭ تىپتىكى ئەسلىي ئىجادىيەتلىك ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن» بۇلتۇر 10 - ئايدا تۇنجى قويۇلغاندىن بۇيان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، ئارتىسلار ئورۇنلاش ماھارىتى، ئوبراز يارىتىش، ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ گۈزەللىكى قاتارلىقلارنى سىجىل سىلىقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، بىر ئايدىن كېيىن رەسمىي قويۇلىدىغان ئويۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇشقا تىرىشتى. «چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بۇرچى. ئىجاد قىلىش ۋە مەشىق قىلىش داۋامىدا، بىز باشتىن - ئاخىر جاڭ چيەننىڭ ئەلچىلىككە بېرىش يولىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى گەۋدىلىك ئىپادىلەپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى، ئىتتىپاقلىق روھىنى ياخشى نامايان قىلدۇق» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ شىيۈەن.
خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا بولغان تەلىپى بارغانسېرى ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجادىيەتچىلەر ۋە ئارتىسلارنى كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىش، نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سەنئەت چوڭ دەرسخانىسى ناخشا - مۇزىكا ئۇستازلىرى سەنئەتتىن ئورتاقلىشىش دەرسىنى ئالاھىدە تەسىس قىلىپ، دۇنياغا داڭلىق، لىرىكىلىق ناخشا ئېيتىش بويىچە دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر قاتارلىق ئۈچ ئۇستازنى تەكلىپ قىلىپ، ناخشىچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. «بۇ، ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقىنى بايقاش، ياخشىلاش يۆنىلىشىنى تېپىش سۇپىسى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ماھارەت، سەۋىيە ۋە ئىجادىيەت - نومۇر ئورۇنلاش ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشىگە ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوركېستىر مۇزىكا ئۆمىكى (شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرى) ۋە مىللىي مۇزىكا ئوركېستىرىنىڭ مەشىق زالىدا، ئارتىسلار تۆت مەشھۇر ئەسەرنى باش تېما قىلغان كىنو - تېلېۋىزىيە نادىر ناخشا - مۇزىكا سىمفونىيەلىك كونسېرتى ۋە مىللىي چالغۇ تىياتىرى «مەن شىنجاڭدا سىزنى ساقلايمەن»نى مەشىق قىلىۋاتاتتى. «بىز جۇڭخۇا ئېستېتىكا روھى ۋە ھازىرقى زامان ئېستېتىك ئىنتىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، يېڭى ۋە سەمىمىي، جۇشقۇن ۋە كۈچلۈك بولغان مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئەسەرلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوركېستىر مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ شياۋلياڭ.
5 - نۆۋەتلىك خەنزۇ تىلى تىياتىرى تەنتەنىلىك مۇراسىمىدا «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئىجادىيەت باش تېمىسى قىلىنغان ئون نادىر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «لىن جىلۇ» ناملىق دىراما ھازىرمۇ داۋاملىق قويۇلۇۋاتىدۇ. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى تيې تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىز ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ناخشا - قوشاقلىرىنى توپلاش خىزمىتىنى پۇختا تاماملاپ، مول ئىجادىيەت خام ماتېرىيالىغا ئېرىشتۇق. بىز مول ئەدەبىيات - سەنئەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ، دەۋر ۋە خەلقنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىمىز.» بۇ يىل 2 - ئايدا، دىراما ئۆمىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تېمىسىدىكى سەھنە ئەسىرى «بەخت كېلىپ ئىشىك چەككەندە»نىڭ دەسلەپكى ئارگىنالىنى تاماملىدى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھېكايىسىنى كومېدىيەلىك شەكىلدە نامايان قىلىدۇ.
مەدەنىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش
ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش بىلەن بىللە، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇكەممەللىشىپ، دەرىجىسى قەدەممۇقەدەم ئۆستى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 107 كۇتۇپخانا، 116 مەدەنىيەت سارىيى، 57 گۈزەل سەنئەت سارىيى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەر بىلەن بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى جۇڭگو دۆلەت كۇتۇپخانىسى بىلەن بىرلىشىپ دائىملىق ئېچىلىدىغان «چىغىناق - تاغاق يېزىقى خاتىرىلىرى» باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، چىغىناق - تاغاق يېزىقى، مىس قوراللار دەۋرىدىكى قاچا - قۇچىلار، قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلدى. يەنە شەندۇڭ ئۆلكىلىك كۇتۇپخانىنىڭ ياردىمى بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان كوئېنلۇن - نىشەن بىلىم يۇرتىدا ئەنئەنىۋى بايرام، مەۋسۇم، مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت لېكسىيەسى، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى 100 مەيدانغا يېقىن قانات يايدۇردى.
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى باھار بايرىمى مەزگىلىدە خۇاڭ جوۋنىڭ «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش» يۈرۈشلۈك رەسىملىرى، «ۋولگا دەرياسى كۈيلىرى»، «ئىئانە قىلغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش» قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، تاماشىبىنلارغا دۇنيا دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى. بۇلتۇر 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گۈزەل سەنئەت سارىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى جەمئىي كۈتۈۋالغان تاماشىبىن 650 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
«شىنجاڭ ياخشى جاي − 9 - نۆۋەتلىك تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايراملىق ئۆرپ - ئادەت كۆرگەزمىسى» پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان 200 نەچچە مەيدان پائالىيەت ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى، مەدەنىيەت قىممىتى، ۋارىسلىق قىلىش قىممىتىنى نامايان قىلدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرلىنىشچانلىقى، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى، بەدىئىيلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
بۇلتۇر 12 - ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى شىنجاڭ ياش خەتتاتلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ياش فوتوگرافلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ياشلار سەنئەت كومىتېتى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى، مەشئەلنى ئۆتكۈزۈۋالغان ياش ئەۋلادلار «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترىتى قاتارلىق مەدەنىيەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى نەزەر دائىرە، يېڭى پىكىر يولى بىلەن ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
تارىخنى سۆزلىتىش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش
2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 2021 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى دەسلەپكى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ لوپنۇر قىياق قۇدۇق تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇر خارابىسى ئاخىرقى باھالاش تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەرنى مەركەزلىك ئېلان قىلدى: «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» مۇھىم، زور تۈرىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكار ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىدىن 15 تۈرنى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قۇرۇلۇشقا ماسلىشىدىغان ئارخېئولوگىيەلىك تۈردىن 18 تۈرنى تاماملاپ، كۆپ پەن تەتقىقاتىدا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ شىنچاۋ مۇنداق قارىدى: بۇ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار تارىختىن بۇيان مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭ رايونىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، كۆپ مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدەك تارىخىي پاكىتنى جانلىق ئىزاھلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىلمىي تۆھپە قوشتى.
قانداق قىلغاندا ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەرنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى ئوزۇقىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرى بىر قاتار كۆرگىلى بولىدىغان، ھېس قىلغىلى بولىدىغان، ئۈنۈمى بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، «ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ»، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.
يېقىندا، تۇرپان مۇزېيى «باھاردىن كەلگەن تەكلىپ − مۇزېيدىكى ئاجايىپ كېچە»نى تۇنجى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرنى مۇزېينىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دۇنياسىدا ھۇزۇرلىنىشقا، تارىخنىڭ ساداسىنى زەن قويۇپ ئاڭلاشقا جەلپ قىلدى.
شىنجاڭ مۇزېيى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن «دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بالىلارنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىش جەريانىدا شىنجاڭ تارىخىنى چۈشىنىش، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
رەقەملىك تېخنىكىنىڭ كېڭەيتىلىشى پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇزېيلارنى ئادەتتىن تاشقىرى جانلاندۇرۇۋەتتى: قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «جانلىنىپ»، سۆيۈملۈك تۈسكە كىردى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئارخېئولوگىيەلىك نەق مەيدانغا «كىرىپ»، قەدىمدىن ھازىرغا ھالقىپ ئۆتۈپ، دۆلەت گۆھىرى بىلەن «سۆزلەشتى»، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھېس قىلدى... ئىلگىرى ئادەم كۆپ بارمايدىغان مۇزېي «توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جاي»غا ئايلىنىپ، ياش - ئۆسمۈر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تەلپۈندۈردى. «<90 - يىللاردا تۇغۇلغان> <2000 - يىللاردا تۇغۇلغان> ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئارىسىدا %60تىن ئارتۇقنى ئىگىلىدى» دېدى شىنجاڭ مۇزېيى ئىجتىمائىي تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لېي.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى چوڭ يادىكارلىق ئورۇنلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بەلگە سىستېمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئېلان قىلغان «چوڭ يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش <14 - بەش يىل>لىق مەخسۇس يىرىك پىلانى»غا شىنجاڭدىن توققۇز جايدىكى چوڭ يادىكارلىق ئورنى تاللاندى. بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىق ئورنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت ئارخېئولوگىيە يادىكارلىق ئورنى باغچىسى بولۇپ قۇرۇپ چىقىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ۋاسىتىسى ۋە كۆرگەزمە ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
باھار يېتىپ كېلىشى بىلەن، سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى (شىنجاڭ بۆلىكى) تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ يادرولۇق مەنزىرە نۇقتىسى بولغان مىرەن قەدىمىي شەھىرى خارابىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تاماملاندى ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ چۇنمىڭ مۇنداق دېدى: سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى (شىنجاڭ بۆلىكى) تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا تارقالغان سەددىچىن سېپىلى بايلىقى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونى شەكلىدە ھەر مىللەت ئامما بىلەن «يېقىن» ئۇچرىشىدۇ.
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئوزۇقلاندۇرۇش. ھەرقايسى جايلار «كۆرگىلى بولۇش، ھېس قىلغىلى بولۇش، ئۈنۈمى بولۇش»نى ئۆزىگە تەلەپ قىلىپ قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ ۋە تولۇقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلىماقتا.