ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى) «مەن بۇ يەردە ناھايىتى خۇشال ئىشلەۋاتىمەن، ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، لۈ ئاكام خۇددى ئۆز ئاكامدەك ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ» دېدى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئارا تۈرۈك بازىرىدىكى ئارا تۈرۈك چۇەنشىن تۇرمۇش مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى مۇرادىل ياقۇپ.
مۇرادىل ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى دابەيياڭگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ 2021-يىلى 5-ئايدا ئارا تۈرۈك چۇەنشىن تۇرمۇش مۇلازىمىتى پونكىتىغا كېلىپ، مەسئۇل خادىم لۈ يۈپەن بىلەن ياخشى ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى. لۈ يۈپەننىڭ قولمۇقول ئۆگىتىشى بىلەن، ئۇ ۋەيمەي تالونى قوبۇل قىلىش، ئۆي جاھازلىرى رېمونت قىلىش، تاللا بازىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپ، مۇقىم خىزمىتى بار بولدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇلار مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا قولنى قولغا تۇتۇشتى، ئۇلارنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، كىشىلەر ئۇلارنى يېقىملىق قىلىپ «قەلبلەرنى ئىللىتقان مۇلازىمەتچى» دەپ ئاتاشتى.
ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئارا تۈرۈك چۇەنشىن تۇرمۇش مۇلازىمىتى پونكىتى 24 سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقتى. «تېلېفون بەرگەن ھامان دەرھال كېلىدۇ، پوزىتسىيەسى ياخشى، ئىنكاسى تېز، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق ھەم قىزغىن» دېدى ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ئارا تۈرۈك بازىرىدىكى شيۇشۈييۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى بەي شۆيى.
لۈ يۈپەن ئارا تۈرۈك چۇەنشىن تۇرمۇش مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇ ئىشنى ۋەيمەيدىن باشلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلدى، ئۇ بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئارا تۈرۈك بازىرىدىكى نامى بار بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئازادىلىك يارىتىش مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى چۆرىدەپ، ئارا تۈرۈك چۈەنشىن تۇرمۇش مۇلازىمىتى پونكىتى ئاممىغا يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەسىپ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئائىلە مۇلازىمىتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يۇيۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى كۆپەيتتى، مۇلازىمەتچى خادىملارمۇ ئەڭ دەسلەپكى ئىككى ئادەمدىن ھازىرقى ئالتە ئادەمگە تەرەققىي قىلدى.
«بىز قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىپ، ئاھالىلەر ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ھاللىق تۇرمۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز» دېدى ئارا تۈرۈك چۇەنشىن تۇرمۇش مۇلازىمىتى پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لۈ يۈپەن.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، لۈ يۈپەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش قىزىنى قۇچىقىغا پاراڭلىشىپ، قىزىغا ھەمراھ بولماقتا.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى، لۈ يۈپەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيىدە ئائىلە شادلىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا.