شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، غەيرەتنى ئۇرغۇتتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

«تىرىشىپ ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن ئەڭ زور ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، غەيرەتنى ئۇرغۇتتى.

دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ، ھازىر ئىقتىساد يېڭى چېكىنىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى، داۋان ئېشىپ، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈش جەريانىدا تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ھازىر، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» بېسىمى سىجىل ئاشماقتا، «ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا.

جىلىن ئۆلكىسىدە يۇقۇم يەنىلا تېز تارقالماقتا، جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لىيې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە، قەتئىي، كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالىنى تېزدىن ياخشىلايمىز. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جىلىن شەھىرى ئۈچ قېتىملىق خېسۇەن تەكشۈرۈشنى باشلىدى، «مەھەللىنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تايىنىپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق دائىرە باشلىقى، بىنا باشلىقى، دەنيۈەن باشلىقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرگە قارىتا نۇقتىدىن - نۇقتىغا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ، خېسۇەننى تاسقاپ تەكشۈرۈشنىڭ تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، مۇھىمنىڭ مۇھىمى «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، مۇھىم نۇقتا پورت.

يۈننەن رۇيلىدىكى ۋەندىڭ پورتىدا ئارىلىق رايون ئايرىلىپ، پورت رايونىدا چوڭ يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش، رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇشتا كىچىك يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى. «بىز پورتتا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەخسۇس بەنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كاتەكچىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خادىم، مال، ئاپتوموبىل قاتارلىق نۇقتىلىق ھالقىلاردا يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردۇق.» يۈننەن ئۆلكىسى دېخۇڭ دەيزۇ - جىڭپوزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ شەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيمىز.

نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇش ئىنتايىن مۇھىم.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەيدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى توردا دەرس ئۆتۈشكە تەڭشەلدى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇش شاڭخەي شەھىرى مىنخاڭ رايونى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خې مېيلۇڭ پىكىر يۈرگۈزىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى. «بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويدۇق، توردا ئۆگىنىش شارائىتى يوق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپلەر نۇقتىدىن - نۇقتىغا تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال بىلەن تەمىنلىدى، ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن قارىغۇچىسى يوق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە توردا ئۆگىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.» ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپ ئىدارىسى توردا ئوقۇتۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، دەرس بايلىقىنى نۇقتىلىق يەنىمۇ كۈچەيتتى ھەم تېخنىكا كاپالىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، توردا ئوقۇتۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

چىڭداۋ لەيشىدا، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى مۇقىم بولدى؛ فۇجيەن چۈەنجوۋدا، نۇرغۇن مەھەللە توردىكى خەلققە قولاي سۇپىدىن پايدىلىنىپ، توردا ئالدىن كېلىشىپ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى؛ بەزى رايونلار يېپىق ھالەتتىكى تىزگىنلەش، باشقۇرۇش - كونترول قىلىش رايونلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈپ رەتكە سېلىشنى كۈچەيتتى... ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇردى.

ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى بولمىسا، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى تەرەققىياتى بولمايدۇ؛ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلار كۆپەيدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ مۇقىم ئېشىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

سانائەت «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولۇپ، سانائەتنى جانلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. «سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى جايىدا تونۇش، دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى تولۇق ئالدىن مۆلچەرلەش كېرەك.» شەندۇڭ ئۆلكىلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خەيبو مۇنداق دېدى: يولغا قويۇلغان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. «بىز ئۆلكە ئىچىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كارخانىلارنىڭ ئۆلكە ھالقىپ، شەھەر ھالقىپ خادىملارنى يۆتكەش، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىمىز».

نۇقتىلىق كارخانىلارنى تەكلىپ قىلىپ، تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشنى دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىش؛ «ئاقىل ئادەم ئىشلىتىش مۇلازىمەت بۇلۇتى» سۇپىسىنى يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى بىلەن ئادەم كۈچى تەمىناتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش... سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىدا، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر قانات يايدۇرۇلماقتا. سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن شياۋمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تەرەققىيات ئاساسىنى ياخشى ساقلاپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز.

3 - ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لىگاۋ يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ خەنچاۋ خېفېيدىكى زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانىدا يەنىلا چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇم كۆپ نۇقتىدا تارقالغاندىن كېيىن، كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېنىقلىقلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدا «قوش زاپاس مېخانىزم» بەرپا قىلدى، كۆپرەك تەننەرخ سەرپ قىلساقمۇ، تولۇق، يېتەرلىك تەييارلىق قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە ئىشلەپچىقىرىشتا «چاتاق چىقماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مۇقىم بولۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلدى؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىنى كۆزلەشتە تەۋرەنمەي، بوشاشماي، جۇڭگو ئىقتىسادى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«بوشاشماي يېڭىلىق ياراتقاندىلا، ئاندىن كەسكىن رىقابەتتە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ.» لەنخې داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ساۋ جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تىرىشىپ كېڭەيتىش بىلەن بىللە، كارخانىمىز ئالاقىدار جەمئىيەت، تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ساھە ئۆلچىمىنى بەرپا قىلىپ، ئىلغار ماتېرىياللاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتماقتا.

«ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر لياڭجياڭ يېڭى رايونىنىڭ تۈۋرۈك كەسپى، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.» چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو لىن مۇنداق دېدى: لياڭجياڭ يېڭى رايونى يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتالنى بىر گەۋدە قىلغان يېڭىچە كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتقا قىلىپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

فۇجيەننىڭ نىڭدې شەھىرىگە قاراشلىق فۇدىڭ شەھىرىدىكى فۇدىڭ دەۋر تۈرى نەق مەيدانىدا قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە نامايان بولغانىدى. لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىپ، بىر تۈركۈم يانداش كارخانىلار كەينى - كەينىدىن زاۋۇت قۇردى. «باشلامچى كارخانىلار زەنجىر ھاسىل قىلىش، توپ قۇرۇش ئارقىلىق، نىڭدې لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيەسى، داتلاشماس پولات يېڭى ماتېرىيالى قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.» نىڭدې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ ۋېيشىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتىمىز.

(مۇخبىرلار جاڭ شىنشىن، خې زۇڭيۈ، ما شياۋچېڭ، چېن گاڭ، دۇڭ جيەنگو، ياۋ بىڭ، پاڭ مىڭگۇاڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت