شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى پەن تەتقىقات، تېخنىكا ئېچىش قاتارلىق پەن - تېخنىكا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

«پىكىر»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزەش تەلىپى: ئېتىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، سەزگۈرلۈك بىلەن تۈزەش، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ھاياتلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى ساقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى باشقۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پەن - تېخنىكا تۈرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەلىپىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەش تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تۈزەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى خەۋپ - خەتىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسىدىكى قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى مېخانىزملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكا ئېتىكىسى تەشۋىقاتىنى ياخشى تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت