شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
22 يىلدا ئاممىنىڭ 200 مىڭ يۈەن دورا پۇلىنى كېمەيتىپ ئالدى ۋە كەچۈرۈم قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-17 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

زاڭ شۇۋۇ:

22 يىلدا ئاممىنىڭ 200 مىڭ يۈەن دورا پۇلىنى كېمەيتىپ ئالدى ۋە كەچۈرۈم قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىنشيا

«مەيلى قانچىلىك شان - شەرەپكە ئېرىشەي، مەن يەنىلا شۇنداق دەيمەن: ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانسا، مەن خۇش بولىمەن؛ سىلەر مېنى ئېتىراپ قىلساڭلارلا مەن شۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلىمەن» دېدى 7 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان زاڭ شۇۋۇ 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرتداشلارغا.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى كۆنچىسۇڭ كەنتىدە كەنت دوختۇرى زاڭ شۇۋۇ تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئىختىيارسىز باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق باھا بەردى: زاڭ دوختۇرنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى ياخشى، پەزىلىتى ياخشى، مۇلازىمىتى ياخشى؛ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتسەك، پۇلنى ئاز خەجلەيمىز، كېسىلىمىز تېز ساقىيىدۇ؛ ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۇنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ ...

ھەر يىلى باھار بايرىمىدا، كەنت ئاھالىسى ياسىن مەمەت زاڭ شۇۋۇنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ باراتتى. ئەسلىدە، 2011 - يىلى باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى كېچىسى، ياسىن يېرىم كېچىدە قىزىپ قېلىپ، پۈتۈن بەدىنى تىترىگەن ھالدا كارىۋاتتا يېتىپ قالغان، خوتۇنى بالىسىنى ئېلىپ زاڭ شۇۋۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋاقىتتا، جەم بولۇش تامىقىنى يەپ بولۇپ ئۇخلاپ قالغان زاڭ شۇۋۇ جىددىي ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتكەن، ياسىننىڭ خوتۇنىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ جىددىيلىشىپ: «چاتاق بوپتۇ! بىر كېچە قىزىسا مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ» دەپ، ئارتۇق گەپ قىلمايلا دورا ساندۇقىنى ئېلىپ، ئۆيدىن چىقىپ قېلىن قارنى كېچىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭغان.

ياسىننىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، زاڭ شۇۋۇ ياسىنغا دىياگنوز قويۇپ، ئوكۇل سېلىپ، بىر كېچە ئالدىراش بولغان. 2 - كۈنى ئەتىگەندە ياسىننىڭ قىزىتمىسى ئاخىر يانغان، زاڭ شۇۋۇ يەنە ئۇنىڭغا دورا يېزىپ بېرىپ، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى قايتا - قايتا تاپىلىغاندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ ئۆيىگە قايتقان. نەچچە كۈندىن كېيىن ياسىن پۈتۈنلەي ساقايغان. ئۇنىڭ قەلبى مىننەتدارلىققا تولۇپ مۇنداق دېگەن: «باھار بايرىمى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بايرام، زاڭ دوختۇر بىر يىل ئالدىراش ئىشلەپ، ناھايىتى تەستە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ بايرام ئۆتكۈزگەندە، يەنە قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئۆيۈمگە كېلىپ كېسىلىمنى كۆردى».

بۇنداق كېچە - كۈندۈز دېمەي، بايرام، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي قاچان چاقىرسا شۇ چاغدا كېلىدىغان مىساللارنى كۆنچىسۇڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى كۆپ كۆرگەنىدى. ھەر قېتىم باشقىلار ئۇنى «ئالىيجاناب» دەپ ماختىغاندا، زاڭ شۇۋۇ دائىم: «كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم!» دەپ جاۋاب بېرەتتى.

زاڭ شۇۋۇنىڭ «ئالىيجاناب»لىقى تىلغا ئېلىنسا، قوشنا كەنت قاشبېشى كەنتىدىكى دېھقان مەخمۇت ساۋۇتمۇ ئىچ - ئىچىدىن قايىل بولاتتى. 2008 - يىلى 5 - ئايدا، مەخمۇت دەرەخ كېسىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بېشى تاشقا تېگىپ، ئېغىر يارىلىنىپ، توختىماي قان ئاقتى. قۇتقۇزۇش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، زاڭ شۇۋۇ دەرھال دورا ساندۇقىنى ئېلىپ، موتوسىكلىت بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. ئۇ بىر تەرەپتىن مەخمۇتنىڭ يارىسىنىڭ قېنىنى توختاتسا، بىر تەرەپتىن ئاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشتى. قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مەخمۇتنى كۆتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا سېلىشقا ياردەم بەردى ھەم قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ، مەخمۇتنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش ھەققىنى تۆلىدى. قۇتقۇزۇپ داۋالاش ۋاقتىدا بولغاچقا، مەخمۇت خەتەردىن قۇتۇلدى.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرگەندە، زاڭ شۇۋۇ ھەمىشە دورا پۇلىنى كېمەيتىپ ئېلىش، كەچۈرۈم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بەردى. دوختۇرلۇق قىلغان 22 يىلدىن بۇيان، ئۇ كۆنچىسۇڭ كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دورا پۇلىنى كېمەيتىپ ئالدى ۋە كەچۈرۈم قىلدى.

«مېنىڭ ئەڭ دەسلەپ يېزىدا دوختۇرلۇق قىلىشنى تاللىشىمدىكى مەقسەتمۇ ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئىدى. ھازىر يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، مەن يەنىلا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۇلارنى داۋاملىق غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىمەن.» زاڭ شۇۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى كۆنچىسۇڭ كەنتىدە ئۆتكەن بولۇپ، يەتتە ياش ۋاقتىدا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەنيۈ ناھىيەسى (ھازىرقى ليەنيۈنگاڭ شەھىرىنىڭ گەنيۈ رايونى)دىكى يۇرتىغا قايتىپ مەكتەپتە ئوقۇغان، 1994 - يىلى نەنجىڭ تېببىي داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئەسلىدە گەنيۈ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلسا بولاتتى، لېكىن ئۇ 1999 - يىلى شىنجاڭغا قايتىپ تۇغقان يوقلىغاندا، كۆنچىسۇڭ كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردە دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە كېلىپ شىپاخانا ئېچىشنى قارار قىلغان.

زاڭ شۇۋۇ شۇ ئىشلىگەنچە 22 يىل ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بارغانسېرى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت