شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-14 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار قاتارلىقلار ماقۇللاندى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى


3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 110 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى ماقۇللاندى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2951 كىشى، قاتناشقانلار 2758 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 193 كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 2021 - يىلى دۆلەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2022 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان - ۋەزىپىسى، سىياسەت - تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قارار 2022 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»غا قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى ماقۇللاندى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارغا ئاساسەن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 2023 - يىلى 1 - ئايدا سايلاپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ 2021 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2021 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2022 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2022 - يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

ئارقىدىن، لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلار قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش توغرىسىدىكى ئىككى چارە قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، بىردەك قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەتئىي ئىرادىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدىمۇ يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، تۈپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولدى، يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە، بۇ يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم نەزەرىيەسىنى جەزمەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ يادرولۇق پىرىنسىپىدىن بولدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىشىدا ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنىڭ تەۋرەنمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت؛ دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن بولدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى بولۇشتىن ئىبارەت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىن بولدى، ھەم «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشىغا مەدەت بېرىلدى، ھەم مەمۇرىي ھوقۇق، رېۋىزىيە ھوقۇقى، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشتىن بولدى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ۋەكىللەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، سالمىقى بار تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم قانۇنلارنى تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن قاتنىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەڭگۈ بوشاشمايدىغان، مەڭگۈ بىپەرۋالىق قىلمايدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى يېڭى بۇرچى، يېڭى ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خىزمىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى يېپىلدى، دەپ ئېلان قىلدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

مەنبە:





مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت