شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ھەر قېتىملىق قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا، باش شۇجىنىڭ <ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا> دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئالىمەن»
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-11 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ جېڭيەن، رېن چىنچىن، لياڭ جيەنچياڭ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئىككى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لو جيېنىڭ «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

1 - قېتىملىقى، 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي چوڭ زالى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا بولدى.

«مەن تېلېۋىزوردا سىزنى كۆرگەن».

خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى تەيخې دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن ۋەكىل لو جيې ئەمدىلا ئېغىز ئېچىشىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنى تونۇۋالدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، لو جيې خەۋپكە دۇچ كەلگەن پەيتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، شىيەن شەھىرىدىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. بېيجىڭغا كېلىپ خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان لو جيې يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى «ۋەكىللەر يولى»دا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە 87 ياشلىق ياشانغان كىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش دېگەن نېمە؟ بىر ئاغرىقنى شۇنچە كۆپ ئادەم داۋالايدۇ، بۇ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، لو جيې سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىشنى مەخسۇس تىلغا ئالدى.

خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، لوجيې بىرىنچى سەپتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى بەردى. باش شۇجى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ سۆز قىلىپ سوئال سورىدى −

«شىيەندە بۇ قېتىم ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي قانچە؟»

«كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى قانچە؟»

«دوختۇرخاناڭلاردا يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالايدىغان دوختۇر - سېسترادىن قانچىسى بار؟»

...

باش شۇجى كونكرېت سوراپلا قالماي، يەنە «ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا، زىچ توقۇش» قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، لو جيېغا باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن بۇ سۆز ئىدىيە، شۇنداقلا ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.

شۇ كۈنى، لو جيې تولۇق ئىككى بەت خاتىرە قالدۇردى. ئۇ يەنە مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى يازدى: باش شۇجى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويدى. بىز ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن سۆزنى ھەر قېتىملىق ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يەنە بىر قېتىم يېقىن ئارىلىقتا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش شۇ يىلى 9 - ئايدا مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى نەق مەيدانىدا بولدى.

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئالدىدا، بىز جەزمەن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىقىمىز كېرەك، بىز ھەم ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز»؛

«خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، بىز ھەرقانداق ئىشتا پىداكارلىق كۆرسىتەلەيمىز»؛

...

سەھنىدە، باش شۇجى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى؛ سەھنە ئالدىدا، لو جيې تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

ئۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدىكى مۇھىم پەيتلەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس خۇبېي ۋۇخەنگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەن كۆرۈنۈشنى ئەسلىدى؛ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، خۇبېيغا ياردەم بېرىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىدى؛ دوختۇر - سېسترالارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، كىچىككىنە ئۈمىدتىنمۇ ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئەسلىدى...

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەڭ مۇھىم چىڭ تۇرۇش دەپ بىلىشىمىز كېرەك» دېدى لو جيې.

2021 - يىلى 5 - ئايدا، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا يەتتە كۈن بولغان بىر بوۋاق لو جيې ئىشلەۋاتقان تەيخې دوختۇرخانىسىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىندى.

كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، كېسەللىك سەۋەبىنىڭ كوكسساككى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپ ئەزانىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىش ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى، سۈنئىي ئۆپكە، يۈرەك ماشىنىسى ئارقىلىق داۋالاش بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ھايات قېلىشىدىكى بىردىنبىر ئۈمىد ئىدى.

دوختۇرخانا كۆپ پەن بويىچە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللىدى، تېببىي خادىملار بوۋاقنى كېچە - كۈندۈز داۋالاپ يېنىدىن ئايرىلمىدى، 140 سائەت جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، بوۋاق خەتەردىن قۇتۇلدى.

لو جيې قۇتقۇزۇش - داۋالاش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا باش شۇجىنىڭ <ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا> دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئالدىم، بىز بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قۇتقۇزدۇق».

دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 نەچچە يىل بولغان لو جيې سارسقا تاقابىل تۇرۇش، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋى ۋەقەلەردە قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشتى.

2022 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، بېيجىڭغا يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، لو جيې دوختۇرخانا بۇلتۇر قۇتقۇزۇپ داۋالىغان ئاشۇ بوۋاقنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، «ئوبدان ئەسلىگە كەپتۇ، ناھايىتى ساغلام ئىكەن».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت