شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگو مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى «جۇڭگو مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: مېيىپلەر تەنتەربىيەسى مېيىپلەرنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىشى، جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، جەمئىيەتكە قاتنىشىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئۈنۈملۈك يول؛ كىشىلەرنىڭ مېيىپلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە قىممىتىنى تونۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، ئورتاق ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە يول. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مېيىپلەر تەنتەربىيەسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپلەر تەنتەربىيەسى تەرەققىيات يولىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنتەربىيەسىنى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇردى. مېيىپلەرنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەنتەربىيە پائالىيىتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك مېيىپلەر تەنتەربىيەسى پائالىيىتى جۇش ئۇرۇپ يۈكسەلدۈرۈلۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئاممىۋى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇلۇپ، مېيىپلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، تەنتەربىيە مۇلازىمىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلىتىمىزدىكى مېيىپلەرنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، مېيىپلەرنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى كۈنسېرى كۆپەيدى. جۇڭگو دۇنيا مېيىپلەر تەنتەربىيەسى ھەرىكىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقئارا مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى، جۈملىدىن مېيىپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مېيىپلەر تەنتەربىيەسى جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئالاقىسى، چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان بولغان يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش تەرتىپىنى ئورنىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت