شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دېموكراتىيە ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش جۇشقۇن كۈچ - قۇدرەتنى مۇجەسسەملەش
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئىدىيە.

خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، بىر خىل پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىگە تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو دېموكراتىيەسىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈش: «بىزنىڭ ماڭغىنىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى، خەلق دېموكراتىيەسى بىر خىل پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە»

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا، نەچچە ئون يىل ئورمانچىلىق ئىشچىسى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جوۋ يىجې باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ «دەرەخ كەسكۈچى»دىن «دەرەخ قوغدىغۇچى»غا ئۆزگىرىش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.

«سىزنىڭ بۇ سالاھىيىتىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشى دەل دۆلىتىمىز كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋەكىل جوۋ يىجې ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ داشىڭئەنلىڭ تېغى ئورمانچىلىق رايونىدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرگە تۈرتكە بولدى: يېڭىدىن ياسالغان ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش يولى ئورمانچىلىق رايونىدىكى تاغ ئارىسىغا ياسالدى، يېڭىدىن ئورنىتىلغان ئوپتىك تالالار ئارقىلىق بارغانسېرى كۆپ ئورمانچىلىق مەيدانلىرىدا 4G تورى بار بولدى...

بىر ئاددىي ئورمانچىلىق ئىشچىسىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپى تەدبىرگە ئايلىنىپ، پۇقرالارغا بەخت يارىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەنى بېيىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسەتمە ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

«باش شۇجى بۇ يەردە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.» شاڭخەي شەھىرى چاڭنىڭ رايونى خۇڭچياۋ پىڭجۈ ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ گوپىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئاشۇ كۈننى قايتا ئەسلىگىنىدە، خاتىرىسى خۇددى ھازىرقىدەكلا ئېنىق ئىدى.

2019 - يىلى 11 - ئايدا، شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇڭچياۋ كوچا باشقارمىسىغا كېلىپ، قانۇن چىقىرىش توغرىسىدا پىكىر ئېلىشقا قاتنىشىۋاتقان مەھەللە ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم «خەلق دېموكراتىيەسى بىر خىل پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، دېگەن يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى تەكىتلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

2021 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېچىلغان مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيە ۋە ئەمەلىيەتنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشنى ئېلان قىلدى − «بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك»؛

دۆلىتىمىز خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خۇسۇسىيىتىنى ئېچىپ بەردى − «جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسىنىڭ، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيەنىڭ، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە»؛

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى − «خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىياسەت - تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام ۋە دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىش كېرەك»؛

بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئۆلچەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى − «خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش ھوقۇقى بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك؛ خەلقنىڭ سايلام جەريانىدا قانداق ئاغزاكى ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى سايلامدىن كېيىن بۇ ۋەدىلەرنىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا قاراش كېرەك...» «بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى باھا بېرىشى، ھەرگىزمۇ سىرتتىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر كەلسە - كەلمەس باھا بەرمەسلىكى كېرەك».

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم بايان بۇنىڭ ئىچىگە ئېنىق كىرگۈزۈلدى.

مەۋقەنى يېڭى تارىخىي ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىر، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى مەنزىلگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ جۈيىڭ زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى.

2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

«باش شۇجى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قارىمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خۇ يۈ ھېلىھەم ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ: «باش شۇجى نەق مەيداندا مېنىڭ تەكلىپىمگە جاۋاب قايتۇردى ھەم يوليورۇق بەردى. مېنىڭ بەرگەن تەكلىپىمگە ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتتى، بۇ مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىمغا تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى».

ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ. ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى كۆز ئالدىمىزدا ئېنىق نامايان بولۇپ تۇردى −

2018 - يىلى 3 - ئايدا، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ۋەتەنگە سادىق بولىمەن، خەلققە سادىق بولىمەن، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئومۇم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن...» دەپ تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى، دېھقان ئىشچىلار، تېز يەتكۈزگۈچىلەر قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى زور پىلانىنى ئورتاق پىلانلىدى.

2021 - يىلى 11 - ئايدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايون ۋە يېزا - بازار ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا قاتنىشىپ بېلەت تاشلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كاستۇم - بۇرۇلكا كىيىپ، ئىككى قولىدا سايلام بېلىتىنى سالماق تۇتۇپ، بېلەت ساندۇقى ئالدىدا تەنتەنىلىك ھالدا بىر بېلەت تاشلاپ، «پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

......

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» تەكىتلەندى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، مەزمۇنى تېخىمۇ كەڭ، قاتلىمى تېخىمۇ مول پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى: «بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشقان - ئاشمىغانلىقىدا»

يولۋاس يىلىدىكى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، بېيجىڭ چيەنمېندىكى ساۋچاڭ سىتياۋ 44 - نومۇرلۇق قورۇ ئىچىدىكى «ھويلا كېڭىشىش زالى» ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. ئاھالىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، «گۈزەل ھويلا - ئاران»نى ئۆزگەرتىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىپ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇش توغرىسىدا ئازادە پىكىرلەشتى.

ئۈچ يىل بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئىشلارنى كېڭىشىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «<ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر كېڭىشىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر بېكىتىش> مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، مەھەللىنىڭ ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق».

كىچىك تەپسىلاتلاردىن چوڭ دېموكراتىيە نامايان بولىدۇ. خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق ئوتتۇرىغا قويۇش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق كېڭىشىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق قارار قىلىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق بېجىرىش، خەلقنىڭ ئىشىنى خەلق باھالاش... «ھويلا كېڭىشىش زالى» دەل پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ھالقىسى زىچ، شەكلى مول، قاپلىشى كەڭ ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى. قانداق قىلغاندا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر بايانلىرى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللىشىشقا يېتەكلىدى:

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

− پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇكەممەل بولغان قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار بولۇپ، خەلقنى دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك كېڭىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا پائال ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

سىچۇەن يائەننىڭ تيەنچۈەن ناھىيەسى شىنخۇا يېزىسىدىكى 100ياشتىن ئاشقان ياشانغان كىشى لى چاۋلەن ئون نەچچە قېتىم خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا قاتنىشىپ بېلەت تاشلىغانىدى.

بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. شىنخۇا يېزىسى تاغلىق رايوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، يېشى چوڭ، ھەرىكەت قىلىش قولايسىز بولغان سايلىغۇچىلارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يېزىلىق سايلام كومىتېتى مەخسۇس خىزمەتچى خادىملارنى كۆچمە بېلەت ساندۇقىنى ئېلىپ «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش»قا ئورۇنلاشتۇردى.

«ئازادلىقتىن ئىلگىرى نەدىمۇ بىز كەمبەغەللەرنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بولسۇن. كوممۇنىستىك پارتىيە بىز پۇقرالارنى ھەقىقىي تۈردە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان قىلدى» دېدى ياشانغان كىشى لى چاۋلەن ھاياجانلانغان ھالدا.

1954 - يىلىنى ئەسلىسەك، 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللىنىپ، «بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ!» دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش − پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسىتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ قانۇن بويىچە سايلام ھوقۇق - مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزدىكى بەش دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە، 1 مىلياردتىن ئارتۇق سايلىغۇچىنىڭ بىۋاسىتە سايلىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋەكىللەر ئومۇمىي سانىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. سايلامنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى، چىنلىقى تولۇق نامايان قىلىنىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

«بارلىق خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان - باشقۇرالمىغانلىقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان - باشقۇرالمىغانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى راۋان ئىپادىلىيەلىگەن - ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى...» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ دېموكراتىك بولغان - بولمىغانلىقى، ئۈنۈملۈك بولغان - بولمىغانلىقىغا باھا بېرىشتىكى مۇھىم ئۆلچىمى بولۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ پۈتۈن جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدى.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك.

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى ياخشى تەييارلاش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دېھقانلار ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى، كارخانىلارغا كىردى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ياخشى تەدبىرلەرنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

2020 - يىلى 7 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەتتە مەيدان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلامدىكى زاتلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىگە يۈزلىنىپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ياخشى فاڭجېن - سىياسەت ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ھەممىسى جەزمەن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا ۋە ئۈمىدىگە ماس كېلىشى، ئامما ئارىسىدىن كېلىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىشى كېرەك».

2020 - يىلى 8 - ئايدا، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈشتە «توردا ئەقىل سوراش» قانات يايدۇرۇلدى، ئىچكى موڭغۇل دالاتې خوشۇنى پۇگېبۇ كەنتىنىڭ كادىرى لى ديەنبو ئوتتۇرىغا قويغان «ئۆزئارا ياردەم بېرىش خاراكتېرىدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈشى» توغرىسىدىكى پىكرى قوبۇل قىلىنىپ، تەكلىپكە كىرگۈزۈلدى.

كىچىك كەنتتىن كەلگەن سادا جۇڭنەنخەيگە «يېتىپ»، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەلەر كېڭىشىش يىغىنىنى 170 نەچچە قېتىم ئېچىپ ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا ھاۋالە قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سەمىمىي كېڭىشىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، دېموكراتىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاشكارا قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 200 پارچە قېتىمدىن كۆپرەك قانۇن لايىھەسىگە جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىندى، 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم 3 مىليوندىن ئارتۇق پىكىر - تەكلىپ بەردى، نۇرغۇن مۇھىم پىكىر قوبۇل قىلىندى.

شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنى دېموكراتىك باشقۇرۇپ، پۇقرالارنى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئىشلار ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تولۇق قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش؛ شەكلى كۆپ خىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دېموكراتىك باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسىغا ئايلىنىش...

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.

− پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ شەكلى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا موھتاج.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

بۇ ئېنىق تەلەپ يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلاش ئالاھىدىلىكى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى:

سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، قانۇن چىقىرىش بويىچە كېڭىشىش، مەمۇرىي كېڭىشىش، دېموكراتىك كېڭىشىش، جەمئىيەت كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش قانات يايدۇرۇلۇپ، سۆھبەتلىشىش، دەلىللەش، ئىسپات ئاڭلاش، ئېلان قىلىش، باھالاش، مەسلىھەت بېرىش، تور قاتارلىق كېڭىشىش شەكىللىرىدە يېڭىلىق يارىتىلدى...

شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىدىكى كەنت (ئاھالە) كېڭىشىش يىغىنى، دېموكراتىك سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى، دېموكراتىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «قانۇن چىقىرىش بىۋاسىتە يولى»، «ھويلا كېڭىشىش زالى»، توردىكى «كېڭىشىش توپى» تەسىس قىلىندى...

ھەربىر تەسىرلىك ھەم جانلىق دېموكراتىيە شەكلى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى: «جۇڭگو ئېگىزدە پەرۋاز قىلىش، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك»

2021 - يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، گۇاڭجوۋ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» تەتبىقلانغان بىر تۈركۈم دېلولارغا ئارقا - ئارقىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ چىقىرىلىش يولىنى ئەسلىسەك، خەلق رايىنى توپلاش، قايتا - قايتا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغىچە، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ چىقىرىلىش جەريانى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغانلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى كەڭ ھەم ھەقىقىي بولدى −

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈن شيەنجۇڭ پات ئارىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان يەرلىك تەشكىلىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، «بۇ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى».

بىر يىل ئىلگىرى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۇنجى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش تاماملىنىپ، «پۈتۈن جەريانلىق دېموكراتىيە» قانۇنغا كىرگۈزۈلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن مۇھىم يوليورۇق قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم يېتەكچى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

ھەقىقىي تۈردە قانۇنغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت تۈزۈمىدە كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى، ھاياتىي كۈچكە تولۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى».

گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشتە «دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى»نى كۆپەيتىپ يېزىش؛ شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ كېڭىشىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش...

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن خىزمىتى كومىتېتى تەسىس قىلغان ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى 22گە كۆپىيىپ، ئاممىنىڭ قانۇن چىقىرىشقا بولغان پىكرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە توپلىدى؛ نۇرغۇن جاي «دەرھال بېجىرىش» «ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىش» قاتارلىق خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى ئورناتتى؛ ھەرقايسى جايلاردىكى 12345 قىزىق لىنىيەسى پۈتۈن كۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قىزىق لىنىيەسىگە ئايلاندى...

بىر خىل ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن كۈنلۈك، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنىڭ ئۇلى تەدرىجىي پۇختىلىنىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ياخشى ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئەسقاتىدىغان بولدى −

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 58 - قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى.

«ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت، تور، ھۆكۈمەت، ئەدلىيەلىك قوغداشنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

«بالدۇر بايقاش، بالدۇر توسۇش، بالدۇر جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك».

...

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەدلىيەلىك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئون نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل نەق مەيداندا، 70 نەچچە ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا ئەمەلىي ۋاقىتتا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆز قىلىپ، بۇ مۇھىم تېما ئۈچۈن بىرلىكتە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

2013 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 130 نەچچە قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ھەر ساھەدىكى ئەزالارنىڭ ياخشى تەكلىپ، ياخشى مەسلىھەتلىرىنى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم پايدىلانمىغا ئايلاندۇردى.

ھەربىر تەكلىپ ۋە مەسلىھەتنى مۇجەسسەملەش، ئاز - ئازدىن تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىلىپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق تېپىپ چىقىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى توپلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ مىللەتلەر رايونى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى داجيۇمۇجيا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە نۇرغۇن تەكلىپ، تەۋسىيە تاپشۇرۇپ، پائال ئىنكاسقا ئېرىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىنى سىياسەت بىلەن دەل جايىدا ماسلاشتۇردى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ جىددىي پەيتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ جېن دەرھال: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆپكە CT تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئاغرىق مىساللىرىنى ئۈنۈملۈك شاللاپ تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەردى، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېجىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

تۇمان - تۈتەكنى تىزگىنلەشتىن سۇ - تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشكىچە، بالىلارنىڭ «كىچىكىدىنلا كۆزەينەك تاقىشى»غا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە يۈزلىنىشكىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقىچە...

پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ياخشى ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئەسقاتىدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى −

«نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

دۇنيا ئېقىمى تولىمۇ ھەيۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تۈزۈم رىقابىتى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ مۇھىم تەرىپى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەۋزەللىكى».

«بىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك».

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قىلچە بوشاشماي دېموكراتىيەنىڭ چىنلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغاندا، جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى يولى بارغانسېرى كېڭىيىدۇ.

(مۇخبىرلار ياڭ ۋېيخەن، چېن فېي، لو شا، شيۇڭ فېڭ، بەي ياڭ، ليۇ شو، يېزىشقا قاتناشقانلار: ليۇ يىدې، لياڭ جيەنچياڭ، گو جىڭدەن، ۋۇ گۇاڭيۈ، جاڭ مەنزى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت