شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشقا رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2022 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشتىن - ئاخىر خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ زور سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، چېنىقىش داۋامىدا «ئالقىشقا ئېرىشكەن» «ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان» كادىرلار قوشۇنىغا ئايلاندى. «خەلق ئاممىسى ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچ مەنبەسى، مەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئامما ئۈچۈن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرىمەن» دېدى ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ خۇڭشۇن.

«ياش كادىرلارنىڭ ئەڭ تۈپ ئىقتىدارى نەزەرىيە ساپاسىدۇر.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەيدىئەخمەت يارمەمەت مۇنداق بىلدۈردى: غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش، چىن مەنىسىنى چۈشىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ غايە - ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە تاۋلاش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش بىر خىل روھ، بۇنىڭدا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىمىز شەخسىيەتسىز پەزىلەت ۋە قورقماس جاسارەت. شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى خوتەن چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ جۇڭلى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دادىل نەتىجە يارىتىپ، ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.

بۇ بىرنەچچە كۈندە، يېڭىدىن باي ناھىيەسى باي بازىرى بېيداچياۋ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا يۆتكەپ تەيىنلەنگەن «95 - يىللاردا تۇغۇلغان» ساۋ كەي توختىماي ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى مۇرەككەپ، كۆپ مەنبەلىك، بىز مەھەللە كادىرلىرى باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىمىزنى ئاممىنىڭ بىر ئەزاسى، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئۇلارنىڭ <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> ئىشلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياخشى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز».

(مۇخبىر لياڭ لىخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا، مېھرىگۈل ناسىر، يەن شياۋتيەن، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ مىڭمىڭ)

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت