شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
بۇرماقان مولدو «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى ئۈلگىسى» نامىغا ئېرىشتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-04 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى


    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بۇرماقان مولدو قاتارلىق ئون كىشىگە «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى ئۈلگىسى»، ۋاڭ شياۋيۈن قاتارلىق 300 كىشىگە «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى»، بېيجىڭ شەھەرلىك شەھەر ئاھالىلىرى قىزىق لىنىيە مۇلازىمەت مەركىزى ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش باشقارمىسى قاتارلىق 200 ئورۇنغا «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.


    بۇ قېتىمقى نام بېرىشتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 4 شەخس «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى» دېگەن نامغا، 5 ئورۇن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن بىر شەخس «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى» دېگەن نامغا، 2 ئورۇن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى» نامىغا ئېرىشكەن شەخسلەر:

  خاتىمە ئەنەيتۇل ئۈرۈمچى ناھىيەسى قۇرالاي مىللىي قول ھۈنەر - سەنئىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى

  كەبانۇ سىتقەدەم تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاشقورغان بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى

  ئايىمنىسا توختى قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى ئاياغ ئاچما كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى

  شىڭ خۇيلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار، بالىلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى» نامىغا ئېرىشكەن شەخس:

  فەن شياۋيىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 27-تۇەن 1-ليەنىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىسى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئورۇنلار:

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھىرى شىمالىي يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئانا-بالىلار ساغلاملىقى باشقارمىسى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئورۇنلار:

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9-شى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر 2-بۆلۈمى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-ئوتتۇرا مەكتىپى

  مەنبە: شىنخۇا تورى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت