شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىمىزنى بېغىشلايمىز
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2022 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، غايە - ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئۆكۈنمەيدىغان كۈرەش قىلىش ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە ياش كادىرلارغا بولغان غەمخورلۇق ۋە ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن، بۇ سۆز ئىلھاملاندۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ھەيدەكچىلىكتۇر.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، دائىم تەربىيەلىنىپ، دائىم تاۋلىنىپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز شارائىتتا بولسۇن، قەتئىي تەۋرەنمەي، كۈچلۈك دولقۇندا تاۋلىنىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياش كادىرلارنى «تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش» پۈتۈن زەنجىرلىك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى كىشىلىك ھايات غايىسىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.

«باش شۇجى ياش كادىرلاردىن ماركسىزملىق ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەلسەپە ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن ماركسىزم ئالاھىدە ماھارىتىنى ياخشى مەشىق قىلىپ ھەم كەڭ كۇرسانتلارنى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلاشقا پائال يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ رېنيۈەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياش ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پاكلىق − بەخت، ئاچ كۆزلۈك − ئاپەت، دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنى قەدىرلەپ، ئۆزۈم ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىنتىزامغا، قانۇنغا، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، چىرىكلىشىشنى توسۇپ، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى چىڭ، مەھكەم ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگۈچى، يول ئاچقۇچى، ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلىق قىياپىتىم بىلەن ئۆكۈنمەيدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتىمەن».

«كوممۇنىستلار خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە ئىكەنلىكىنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك.» باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى مورى بازىرى شىخې مەھەللىسىنىڭ كادىرى جۇ شېڭيىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاممىۋى خىزمەتنى تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن كۆپچىلىكنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىمەن».

3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مويدىن مولنىياز بۇ يېزىنىڭ تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىگە كېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كەنت كادىرلىرى، پەن - تېخنىكىغا ماھىر كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى. «باش شۇجى: نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ھەقىقىي ئىشلىگەندىلا، ئاندىن نەتىجىگە ھەقىقىي ئېرىشكىلى، ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېدى. بۇ بىز ياشلارغا نىسبەتەن ناھايىتى تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.» مويدىن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش داۋامىدا، ياشلار ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ، يۇرتداشلارنى كۆپرەك پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى قەلبىمدە چىڭ ساقلايمەن.» دۆلەت باج باش ئىدارىسى توقسۇن ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ «95 - يىللاردا تۇغۇلغان» كادىرى مەربىيە شىركېرەم مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىيەت داۋامىدا ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش، چىن مەنىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، قابىلىيىتىمنى ئاشۇرۇپ، كەشتە تىكىش ماھارىتى بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەيمەن، دەل جايىدا ئىشلەيمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ تىڭ، لياڭ لىخۇا، جاڭ يۈنمېي، لى ياڭ، جاڭ جىلى، مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىر شى چيەن)


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت