شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ئۇ قەلبىگە بىز ئىشلىگۈچىلەرنى پۈككەن»
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\ۋاڭ مىڭيۈ، جوۋ يىڭ

2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جۇڭشەن شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك كارخانىسىدىن كەلگەن ۋەكىل مى شۆمېي 20 نەچچە يىل ئىشلىگەن جەرياندىكى ئىسسىق - سوغۇق، جاپا - مۇشەققەتلەرنى باش شۇجىغا سۆزلەپ بەردى.

1997 - يىلى، 22 ياشلىق مى شۆمېي گەنسۇدىكى بىر نامرات تاغلىق كەنتتىن ئۆزى يالغۇز گۇاڭدۇڭغا كېلىپ ئىشلەپ، بىر كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولدى. كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشۈپ ئويغانغاندىن كېيىن، ئۇ سېخلارغا بېرىپ، ئامبارلارغا كىرىپ، «ئىش تېپىپ قىلدى، ئەگىشىپ ئۆگەندى».

مى شۆمېي ئىشچانلىقى، تىرىشچانلىقى بىلەن يەنە ئىلگىرى - كېيىن سېخنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتىنى قىلدى، سېخنىڭ زاۋۇت باشلىقى ياردەمچىسى بولدى، نەق مەيدان سۈپەت مەسئۇلى بولدى... ئۇ ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ، ھېرىپ - چارچىسىمۇ قورقمايتتى، ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى كىچىككىنە بالىسىنىڭ يۇرتتا ئاغرىپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاش ئىدى. ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بالىسىنى يېنىغا ئەكېلىۋالدى، لېكىن بەك ئالدىراش بولغاچقا، بەزىدە بالىسىنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالاتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مى شۆمېي بىر ئائىلە كىشىلىرى جۇڭشەندىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ھەقىقىي «شەھەرلىك»كە ئايلاندى، ئۇنىڭ بالىسى بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىدىن تۇنجى تۈركۈمدە مەنپەئەتلەنگۈچىگە ئايلىنىپ، داشۆگە ئوڭۇشلۇق ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى.

مى شۆمېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «شۇ كۈندىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنىدا، باش شۇجى كىرىپلا بىز بىلەن سالاملاشتى، كۈلۈمسىرىشى ناھايىتى يېقىملىق ئىدى. مەن سۆز قىلغاندا، باش شۇجى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن جىددىيلىشىپ كەتمىدىم».

شۇ كۈنى، مى شۆمېي ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سىرتتىن كېلىپ ئىشلەيدىغانلار پەرزەنتلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەكتەپكە كىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۇ بالىلارنى ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىدا ئوقۇپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە بولۇشتەك بەختلىك مىنۇتلاردىن بەھرىمەن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مى شۆمېينىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭىز. سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىز خۇددى سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا ئوخشايدىكەن، <مى شۆمېي دېگەن ئىسىمدىكى مېيخۇا گۈلى قەھرىتان سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلىگەچكە خۇش پۇراق چاچىدۇ>».

باش شۇجىنىڭ سۆزىدىن مى شۆمېي ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ، باش شۇجىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مىليونلىغان ئىشلىگۈچىلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەرىپلىشى ئىدى.

شۇ قېتىمقى قاراپ چىقىش داۋامىدا شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كوممۇنىستىك پارتىيە خەلققە بەخت يارىتىشنى كۆزلەيدۇ، خەلق ئاممىسى قايسى جەھەتتە بەختلىك بولمىسا، خۇشال بولمىسا، رازى بولمىسا، شۇ جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىر قوللىنىپ، ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىدۇ».

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ھازىر شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىر قوللىنىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنى شەھەردە مۇقىم خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش، بالىلىرىنىڭ شەھەرگە كىرەلەيدىغانلىرىنى بىللە شەھەرگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆيدە قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز».

مى شۆمېي: باش شۇجىنىڭ تەلىپى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى، دېدى. 2021 - يىلى، ئۇ تۇرۇشلۇق جۇڭشەن شەھىرىدە %80تىن ئارتۇق شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇدى.

تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسىدا، خىزمەت قىلىۋاتقان «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى؛ تازىلىق پونكىتىدا، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى؛ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى...

خەۋەردىن باش شۇجىنىڭ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا قايتا - قايتا بارغانلىقىنى كۆرگەندە، مى شۆمېي ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرى ھەمىشە: «باش شۇجى قەلبىگە بىز ئىشلىگۈچىلەرنى پۈككەن» دېيىشتى.

2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېندا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. مى شۆمېي يەنە بىر قېتىم باش شۇجىنى كۆردى.

«ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، باش شۇجى مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، خىزمەت ئەھۋالىمنى تەپسىلىي سورىدى.» مى شۆمېي ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

مى شۆمېي مۇنداق دېدى: «مەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى ياراتسام، ئاندىن باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە يۈز كېلەلەيمەن!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت