شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر ئۇنۋان ـ دەرىجە تۈزۈمى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، تاڭ دېڭجيېنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق يىغىنى 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر ئۇنۋان ـ دەرىجە تۈزۈمى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ لى جىخېڭنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، تاڭ دېڭجيېنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 108 ـ، 109 ـ نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 157 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى ھەم كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇغا دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش ھاۋالە قىلىندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، لى يۈمېي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا، لى جىخېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ گو لېي 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، ئوۋياڭ چاڭچيۇڭ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنى تەييارلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 ـ يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان خادىملار ئىسىملىكى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شياۋ جيې، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 ـ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا قانۇن مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى خۇاڭ خۇيكاڭ «چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن تونۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت