شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2021 ـ يىل ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-03 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى «2021 ـ يىل ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ھەقىقىي ئەھۋالىنى پاش قىلدى.

دوكلات كىرىش سۆز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە نەيرەڭۋازلىق قىلىپ ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەش، زوراۋانلىق تەپەككۇرىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ھاياتىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىش، ساختا دېموكراتىيە ئويۇنى ئويناپ سىياسىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، ئىرقىي كەمسىتىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىكنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن چەتنەپ كۆچمەنلەر كىرىزىسى پەيدا قىلىش، قورال كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ جازالاپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشتىن ئىبارەت جەمئىي يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2021 ـ يىلى، ئامېرىكىنىڭ رەزىللىككە تولغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلاشتى. سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىش يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئاغرىق مىسالىنىڭ تېز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى يەنە يېڭى يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ساختا دېموكراتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، قانۇننى زوراۋانلىق بىلەن ئىجرا قىلىش كۆچمەنلەر، مۇساپىرلارنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئاز سانلىقلار ئەۋلادى، بولۇپمۇ ئاسىيالىقلار ئەۋلادىغا قارىتىلغان كەمسىتىش ھۇجۇمى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ يەككە تەرەپچىللىك قىلمىشى پۈتۈن يەر شارىدا ئىنسانپەرۋەرلىككە يات يېڭى ئاپەت پەيدا قىلدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە نەيرەڭۋازلىق قىلىپ ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى. ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىسىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن يەر شارى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئامېرىكىدا پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغاندىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىلدى، سىياسەتۋازلار سىياسىي شەخسىي مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا ئېتىبارسىز قارىدى.

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا زوراۋانلىق تەپەككۇرىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ھاياتىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سالدى. ئامېرىكىدا 2021 ـ يىلى چوڭ كۆلەملىك ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى جەمئىي 693 قېتىم يۈزبېرىپ، 2020 ـ يىلىدىكىدىن %10.1 ئاشتى. ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر، زور تەھدىت سالدى.

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ساختا دېموكراتىيە ئويۇنى ئويناپ سىياسىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلدى. زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى دەسلەپكى سايلىمى پۈتۈنلەي بايلار، داڭلىق شەخسلەر، تاراتقۇلار ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، خەلق ئاممىسى بېلەت تاشلاپ قوللىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقۇچىلار كۆپ ھاللاردا خەلق رايىغا ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالمىدى. گەرچە ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ئەمەلىيىتى ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازى يەر بىلەن يەكسان بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «رەھبەرلەرنىڭ دېموكراتىك باشلىقلار يىغىنى»نى داۋراڭ سېلىپ ئۆتكۈزۈپ، دېموكراتىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، قوراللاشتۇرۇپ، ھە دەپ تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇپ، گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، دۇنيانى پارچىلىدى.

دوكلاتتا مۇنداق تەكىتلەندى: ئامېرىكا ئىرقىي كەمسىتىشنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىكنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ئامېرىكىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىرقچىلىق «ۋىرۇسى» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن تەڭ يامرىدى، ئاسىيالىقلار ئەۋلادىدىن بولغانلارغا قارشى تۇرۇش، ئۆچمەنلىك قىلىش جىنايىتى ئۈزۈلمەي يۈزبەردى، كۆپلەپ يۈزبەردى، مۇسۇلمانلار توپىغا قارىتا كەمسىتىش ئازايماستىن كۆپەيدى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىرقىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا، ئىرقىي ئىقتىسادىي ھاڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىرقىي جەھەتتىكى باراۋەرسىزلىك كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە.

دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: ئامېرىكا ئىنسانپەرۋەرلىكتىن چەتنەپ كۆچمەنلەر كىرىزىسى پەيدا قىلدى. كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار كىرىزىسى ئامېرىكىدىكى پارتىيە ـ گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىكى ھەم سىياسىي كۈرىشىدىكى سىياسىي قورالىغا ئايلىنىپ قالدى، ھۆكۈمەت ئەتىگەنكى بۇيرۇقنى كەچتە ئۆزگەرتىپ، قانۇننى زوراۋانلىق بىلەن ئىجرا قىلدى، كۆچمەنلەر توپى مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ قاماپ قويۇش، قىيىن ـ قىستاققا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ئىنسانپەرۋەرلىككە يات مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قورال كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ جازالاپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلغان. ئامېرىكا زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىللىك، ئارىلىشىۋېلىشنى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ، زوراۋانلىق ئارقىلىق ھەقىقەتكە جەڭ ئېلان قىلىپ، شەخسىي مەنپەئەت ئارقىلىق ھەققانىيلىقنى دەپسەندە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە دەخلى ـ تەرۇز قىلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئەڭ چوڭ توسقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىغا ئايلانغان.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت