شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىغا 2022 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدە 112 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ چۈشۈردى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 15 بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھە تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەمىنلىنىشى مول، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرى تورىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىغا مەركەز خامچوتى ئىچىدە 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە باغچىسى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئۆلچەملىك يېنىك ئاتلېتىكا يۈگۈرۈش يولى ۋە ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانى، جەمئىيەت پۇتبول مەيدانى، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى، دالا ھەرىكىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى قاتارلىق تۈردىن جەمئىي 185نى قوللىدى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مەبلەغ سوممىسى بۇلتۇرقىدىن %17 ئاشتى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 1.67 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

شىنجاڭ، جىلىندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون جۇڭگو(چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار ـ مۇز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق رايونىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىم مەبلەغ سېلىشتا ئالتاي قار ـ مۇز تەنتەربىيە باغچىسى، كۆكتوقاي مۇز توپ سارىيى قاتارلىق بىر تۈركۈم قار ـ مۇز ساھەسى تۈرلىرىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئارقىلىق، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە تەنھەرىكەت، ئىستىراھەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۇرمۇش شەكلىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ يېتەكلەش ۋە قوزغىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىغا مەركەز خامچوتى ئىچىدە سېلىنما چۈشۈرۈش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئالدىغا سۈرۈلگەن، بۇ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش يېڭى ۋاسىتىسىنى بەرپا قىلىش، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈر باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى مەسىلە، قىيىنچىلىقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغنىڭ بالدۇرراق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت