شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ دۇنيا دەرىجىلىك كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2022-03-01 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ» دېيىلىدۇ) شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر باغچىسىدىكى كىرېمنىي ياپراقچىسىنى ئايرىش سېخىدا، كىۋادرات شەكىللىك كىرېمنىي ياپراقچىلىرى ئايرىش ماشىنىسىنىڭ ئاقما لىنىيەسىدە تەرتىپ بويىچە توشۇپ چىقىلدى؛ خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى» دېيىلىدۇ) كۆمۈر، ئېلېكتىر، كىرېمنىي بىر گەۋدىلەشكەن كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىياللار ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىدا، 14 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقارماقتا... يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلىرى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى، ئاساسلىق كەسىپ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ھازىر، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ناھايىتى بازارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ. كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ماتېرىياللار يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىياللارنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىياتى، «قوش كاربون» نىشانىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭ كىرېمنىي خام ماتېرىيالى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان زامانىۋى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۇنيا دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرى توپى ۋە جۇڭگو يورۇقلۇق ۋولت كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار بازىسىنى بەرپا قىلىپ، تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

شېغىل قىممىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىنىڭ ئارقىسىدا

جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى شېغىللار قاتار ـ قاتار ئىشلەپچىقىرىش ئىش تەرتىپلىرىدىن ئۆتۈپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسىغا ئورنىتىلىدىغان باتارېيە ياپراقچىسىگە ئايلىنىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل «تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش» تېخنىكىسى كىرېمنىي ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيالدىن ئايرىلالمايدۇ.

«شېغىل ئىچىدىكى سىلىتسىي (IV) ئوكسىدىنىڭ ساپلىقى %98.5 تىن يۇقىرى بولۇپ، پارتلاشقا قارشى تۇرۇشچانلىقى مۇۋاپىق بولسا، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي قىلىپ تاۋلىغىلى بولىدۇ، بۇ، ساپلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئاندىن سوزۇش ئارقىلىق يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا كىرېمنىي ياپراقچىسى قىلىپ كېسىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭنىڭ ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى جاڭ ئېرۋۇ.

كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال يورۇقلۇق ۋولت، ئاپتوموبىل، ئالەم قاتنىشى، ئېلېكتىرون قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون، 2021 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى 297 مىڭ 600 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %22.5 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %58.9ىنى ئىگىلىدى.

سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي ۋە كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي قاتارلىق دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا سېلىشتۇرغاندا، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ۋە يورۇقلۇق ۋولت ياپراقچىسى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار كەسپىدىكى ئالىي مەھسۇلاتلار ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭنىڭ شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر باغچىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپ زەنجىرىنى يورۇقلۇق ۋولت ياپراقچىسى ساھەسىگىچە ئۇزارتقان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

بۇ يىل، بۇ كەسىپلەر باغچىسى يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ياپراقچىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. جاڭ ئېرۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ كىرېمنىي ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر ـ سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاۋاتىدۇ، كىرېمنىي ياپراقچىسىنى كېسىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە نېپىزلەشتۈرۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

«نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى سىجىل ئېشىپ، مەھسۇلات تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر باشقارمىسىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى گو چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تېخنىكا ھۈنەر ـ سەنئىتىدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، كىرېمنىي كاربىدلىق كىرىستال، ئورگانىك كىرېمنىي، كىرېمنىي ئۇۋىندىلىق ماتېرىيال قاتارلىق كۆپ تۈردىكى كىرېمنىي ئاساسىدىكى ماتېرىياللار مەھسۇلاتى شەكىللەندى. ئېلېكتىرون دەرىجىلىك كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي كەسپىنى چۆرىدەپ، سىلىتسىي نىترىد، سىركونىي ئوكسىدى، گاز فازىلىق سىلىتسىي (IV) ئوكسىدى قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللار كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، شەكىللىنىپ، كىرېمنىي ئاساسىدىكى ئۇزارتىلما كەسىپلەر دەسلەپكى قەدەمدە يېتىشتۈرۈلدى.

يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىشىشى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى

بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيەسى» دېيىلىدۇ) يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش، كۆزلىمە نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەش تەييارلىقىنى قىلدى.

بۇلتۇر 12 ـ ئايدا، داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيەسى 15 گېگاۋات يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى ھەم يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى. بۇ تۈرنىڭ يىرىك پىلانىدا يىلىغا 35 مىڭ توننا يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ، بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكۈزۈلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 105 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن 120 مىڭ توننىدىن 130 مىڭ توننىغىچە بولغان ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساھە ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەككە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى بولۇپ قالىدۇ.

شىخەنزە ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرى باغچىسىغا جايلاشقان داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيەسى ئاساسلىقى يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تەتقىق قىلىپ ياساش سېلىنمىسى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، تۆۋەن تەننەرخلىق ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى ھەمدە كىرېمنىي كەسىپلىرى بازىسى توپىدا تۇرۇش ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىركەت ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ۋە يېپىق ھالقىلىق يۈرۈشتۈرۈش ھۈنەر ـ سەنئىتى ئارقىلىق سۈپىتى يۇقىرى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، تەننەرخى تۆۋەن بولغان يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ماتېرىيالدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن بولۇش، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

كۆمۈر، ئېلېكتىر، كىرېمنىينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت ۋە ئورگانىك كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ئىككى كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

2 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، پىچان ناھىيەسىگە جايلاشقان خېشېڭ كىرېمنىيچىلىكى كۆمۈر، ئېلېكتىر، كىرېمنىي بىر گەۋدىلەشكەن كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسى 1 ـ قارارلىق 100 مىڭ توننا سىلوكسان مېتىل ئېتىلېن سىلىتسىيلىق كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 14 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى نورمىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇپ، كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 300 توننىدىن يۇقىرى بولدى. دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ ئورگانىك كىرېمنىيغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ئىزچىل ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ھالىتىدە تۇرماقتا. خېشېڭ كىرېمنىيچىلىكى (پىچان) چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈ چاڭفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «1 ـ ئايدا، شىركەت 8683 توننا سىلوكسان ئىشلەپچىقىرىپ، ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.7 ئاشتى. ئاساسلىقى گۇاڭدۇڭ قاتارلىق دېڭىز بويى رايونلىرىغا سېتىلدى».

خېشېڭ كىرېمنىيچىلىكى ھازىر پىچان ناھىيەسىگە جايلاشتۇرغان يېڭى ماتېرىيال كەسپىدە يۇقىرى ئېقىندا يىلىغا 400 مىڭ توننا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، ئوتتۇرا ئېقىندا يىلىغا 75 مىڭ توننا گىرافىتلاشقان كاربون ئېلېكتىرود تۈرى، تۆۋەن ئېقىندا يىلىغا 100 مىڭ توننا سىلوكسان ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ۋە 140 مىڭ توننا ئارىلاشما تاۋلانغان سىلىتسىي كاۋچۇكى تۈرى قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللار كەسىپ زەنجىرىنى قۇرۇپ چىقتى. گىرافىتلاشقان كاربون ئېلېكتىرود تۈرىگە تايىنىپ، شىنجاڭ يىرى تۇڭبو پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىتىيلىق ئېلېكتىرلىك مىس ياپراق تۈرى سانائەت رايونىغا ماكانلاشتى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئالتە مىكرومېتىرلىق قوش يۈز پەردىسىلىك لىتىيلىق ئېلېكتىرلىك مىس ياپراقچىسىنى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باتارېيە ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىشلەتمەكتە.

بىر تۈركۈم يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، ئورگانىك كىرېمنىي، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك كىرېمنىي كاربىد كىرىستال قاتارلىق كىرېمنىي ئاساسىدىكى تۆۋەن ئېقىن ئايلانما زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش تۈرلىرىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېڭى ماتېرىيال ساھەسىدىكى كەسىپ بوشلۇقى تولدۇرۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى. گو چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىش بىلەن بىللە، ئۆز جايىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئايلىنىپ دەرىجىسى ئۆستى، ئايلىنىش نىسبىتى «13 ـ بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى %2كىمۇ يەتمەسلىكتىن ھازىرقى%22كە يەتتى، مەھسۇلاتى نوقۇل بىر خىل كىرىستال كىرېمنىيدىن كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ۋە ئورگانىك كىرېمنىيدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتقا تەرەققىي قىلدى. كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىينىڭ ئۆز جايىدا ئايلىنىش نىسبىتى 0دىن %13كە كۆتۈرۈلدى، ھۈنەر ـ سەنئەت تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتىرون دەرىجىلىك كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي، كىرېمنىي ياپراقچىسى كەسىپ زەنجىرى يۆنىلىشىگە قاراپ سىجىل تەرەققىي قىلدى.

سىجىل ھالدا زەنجىر ئۇزارتىلدى، زەنجىر تولۇقلاندى، زەنجىر كېڭەيتىلدى، زەنجىر كۈچەيتىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللارنىڭ يورۇقلۇق ۋولت، كىرېمنىي قېتىشمىسى، كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىي ئېلېكتىرونى قاتارلىق تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرىنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايون بېكىتىلگەن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇش، ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى.

يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، خېشېڭ كىرېمنىيچىلىكى كەسىپ ئانتېنناسىنى تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىپ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىيغا نۇرغۇن مەبلەغ سالدى. بۇ يىل 3 ـ ئايدا، 35 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچى گەنچۈەنباۋ ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا باشلىنىدۇ، 2024 ـ يىلى پۈتۈنلەي پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ تۈر سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، كىرېمنىي ياپراقچىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى بىرىكمە دېتالى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىش قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتىنى ياساشتىن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن توك چىقىرىشنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغىچە بولغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى قاپلايدۇ.

بۇ يىل 6 ـ ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان خېشېڭ كىرېمنىيچىلىكى پىچان 400 مىڭ توننىلىق سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كىرېمنىي تۈرى قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا، 2 ـ، 3 ـ قارارلىق تۈرلەر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئورگانىك كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇنغا ئۆتىدۇ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون دىققەتنى تىيانشاننى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىقتىساد بەلبېغى كەسىپلەر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق، ئېنېرگىيەنى ئايلاندۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى نىشانلاپ، ھازىر بار بولغان كەسىپ بازىسى ۋە باغچە رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ ـ تېخنىكا زەنجىرى، مەھسۇلات زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئۇزارتىشنى تېزلىتىپ، سىجىل ھالدا زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان بىر تۈركۈم كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ باغچە رايونى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلىرىنىڭ سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

كەلگۈسىدە، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان بىر كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپ زەنجىرى شىنجاڭنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەھنىگە چىقىرىدۇ.

شىنجاڭ دۇڭفاڭ شىۋاڭ شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر باغچىسى ئادەم كۈچى بايلىقىغا مەسئۇل شيې خۇا مۇنداق بىلدۈردى: باغچە رايونى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي 3 ـ قارارلىق تۈرى ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش باسقۇچىغا كىرىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ياپراقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، داچۈەن يېڭى ئېنېرگىيەسى پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارىنى 130 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تېخنىكا قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك، كۈچلۈك بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«ئاپتونوم رايون دۆلەت ئىچىدىكى كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىدارنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، خاسلىقى روشەن، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كىرېمنىي ئاساسىدىكى كەسىپ بازىسىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل، كەسىپ كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى تولۇق بولغان دۇنيا دەرىجىلىك كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپ توپى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى گو چياڭ.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت