شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

2022 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى​

ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، 35 - قېتىملىق مەملىكەتلىك «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خىزمەتلەر خۇلاسە قىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىللىق «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش»تىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنىڭ تەدبىرلىرى پۇختا، نەتىجە - ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى بولغان جەمئىيەت، مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىلدى. بۇ يىل «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنسىز، زىيانلىق بولغان نەشر قىلىش، تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قەتئىي تۈردە تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. «بىر تاختا شاھمات» ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق شەكلى، قانۇن قورالىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش»نىڭ ئۇچۇرلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام ئىدېئولوگىيە ۋە تەشۋىقات - ئىدىيە بازىسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، تىپىك دېلولارنى ئاشكارىلاپ، پۈتۈن جەمئىيەت «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش» خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 2021 - يىللىق مەملىكەتلىك «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش»تىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخس ۋە 5 - تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك «سېرىق نەرسىلەرنى تۈگىتىش ۋە قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش»نى ئاساسىي قاتلامغا كىرگۈزۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت