شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتى يىغىنى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مۇدىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا 2021 - يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەندى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى «14 - بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت رەت تەرتىپىنىڭ ھەممىسىدە دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى مۈلكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تىجارەت كىرىمى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى ۋە باج تاپشۇرۇشتا تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى ياراتتى، دۆلەت ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى ساقلاش، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ھازىرقى ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئەلالاشتۇرۇشى، زورايتىشى كېرەك؛ جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئىزچىل بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت