شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«ياڭ رۇڭ ئۇستازىم، شۇنداقلا ئاچام»
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جۈنۋېي خەۋەر قىلىدۇ) «دىققەت قىلغىن، قايچىنى تۈز تۇت، بۇ يەرنى يەنە ئازراق كېسىپ ياسىغىن.» 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ جىنيىڭ بازىرىدىكى «ئەيجيەن 1 + 1» ساتىراشخانىسىدا، ساتىراشخانا ئىگىسى، شۇنداقلا ساتىراش ياڭ رۇڭ مەمەت ئىسمايىلەمنىڭ چاچ ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

   بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن مەمەتنىڭ ئۆيى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبە بازار بازىرى قۇمكۆل كەنتىدە بولۇپ، 2019-يىلى بۇ ساتىراشخانىغا شاگىرتلىققا كەلگەن. مەمەت ھۈنەرنى تىرىشىپ ئۆگەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ ئىشچان بولغاچقا، ياڭ رۇڭ بۇ شاگىرتىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئەڭ ئاساسلىق بولغان ساتىراشلىق سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن باشلاپ مەمەتكە ساتىراشلىق ھۈنىرىنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

   ساتىراشلىق تېخنىكا، چىدام تەلەپ قىلىدىغان ئىش، بۇنىڭدا ھەم ھەر ۋاقىت چاچنى قانداق ياساشنى ئويلاشقا، ھەم مېڭە، قول، قايچىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ماسلىشىشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە مەشىق قىلغاندا، مەمەت دائىم ئۇدا بىر نەچچە سائەتلەپ مەشىق قىلىدىكەن، دائىم مۈرىلىرى ئاغرىپ، بوينى تېلىپ كېتىدىكەن، لېكىن ئۇ ھېچقاچان ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماي، باشتىن-ئاخىر مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

   ياڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «مەمەت ھەر كۈنى مودېلدا قايتا-قايتا مەشىق قىلىدۇ، ئىنتايىن تىرىشىدۇ، بەزىدە ناھايىتى چارچاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئارام ئېلىشنى ئېيتىمەن، لېكىن ئۇ يەنىلا داۋاملىق مەشىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ساتىراشلىق جەھەتتە تالانتى بار، ئۇنىڭغا بۇ ھۈنەرنى ئۆگىتىشنى ئىنتايىن خالايمەن».

   مەمەتنىڭ مۇشۇنداق تىرىشقانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇستازى بولغان ياڭ رۇڭ ھەم خۇش بولدى ھەم ئەنسىرىدى، ئۇ مەمەتنىڭ چوقۇم تېزدىن ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، بىر ياخشى ساتىراش بولالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ خۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چارچاپ يىقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ياڭ رۇڭ ئۇنىڭغا ھۈنەر ئۆگىتىش جەھەتتە تېخىمۇ كۈچىدى، تۇرمۇشتىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

   مەمەت مۇنداق دېدى: «ئۇستام ماڭا شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەن چوقۇم ساتىراشلىقنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ تەلىمىنى يەردە قويمايمەن».

   ئادەتتىكى ئۆگىنىش جەريانىدا، ياڭ رۇڭ شاگىرتى مەمەتكە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. مەمەت چاچنى خاتا ياساپ قويسا قاتتىق تەنقىدلەيدۇ، ياڭ رۇڭ تەنقىد قىلىش بىلەن بىللە، يەنە ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەم نەق مەيداندا ئۇنىڭ چاچ ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەمەت ھەمىشە كەمتەرلىك بىلەن مەسلىھەت سورايدۇ.

   «ئۇستامنىڭ خىزمەتتە ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇشى مېنىڭ تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلىشىم ئۈچۈن. تۇرمۇشتا ئۇ خۇددى ئاچامغا ئوخشاش مېنىڭ قەلبىمنى دائىم ئىللىتىدۇ» دېدى مەمەت.

   ھۈنەرلىك بولغاندىن كېيىن، مەمەتنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، ئايلىق كىرىمى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، بۇنداق ياخشى كۈنلەر ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەنىدى، تېخىمۇ مۇھىمى بۇلارنى ياڭ رۇڭنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى.

   ئىككى يىل جەريانىدا، خىزمەتتە ئۆزئارا ياردەمدە بولغاندىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىككىيلەن ئۇرۇق-تۇغقاندەك ئۆتتى، مەمەت دائىم ئۆيىدىن ئوخشىغان تاماق ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى ئەكىلىپ ياڭ رۇڭ بىلەن تەڭ يەيتتى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ياڭ رۇڭمۇ مەمەتنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

   «ياڭ رۇڭ مېنىڭ قەلبىمدە لوبەن بولۇپلا قالماي، يەنە مېنىڭ ئۇستازىم، تېخىمۇ مۇھىمى ئاچام» دېدى مەمەت.


مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت