جۇڭگو تورى خەۋىرى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا «گوۋۇيۈەننىڭ <14-بەش يىل>دىكى دۆلەت ياشانغانلار ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى يىرىك پىلانىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى. «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.