شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 1 - ئايدا جەمئىي تارقاتقان قەرز پۇل 14 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، ئالدىن كۈچەپ، تۈرلۈك قەرز پۇلدىن جەمئىي 14 مىليارد 422 مىليون يۈەن تارقاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4 مىليارد 365 مىليون يۈەن كۆپ تارقاتقان، تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 261 مىليارد 586 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن 7 مىليارد 119 مىليون يۈەن ئاشقان.

يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى جېڭ بىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1 - ئايدا، بۇ بانكا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا قۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا كىرېدىت تارقىتىش سالمىقىنى نۇقتىلىق زورايتقان.

دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئاشلىق، ياغ تۈرىدىكى قەرز پۇلدىن 264 مىليون يۈەن تارقاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 56 مىليون يۈەن كۆپەيگەن؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى قەرز پۇلىدىن 965 مىليون يۈەن تارقاتقان؛ زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى قەرز پۇلىدىن 230 مىليون يۈەن تارقاتقان.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش قەرز پۇلىدىن جەمئىي 3 مىليارد 313 مىليون يۈەن تارقىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 32 ناھىيەگە تۈرلۈك قەرز پۇلىدىن 2 مىليارد 42 مىليون يۈەن تارقىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 69 مىڭ 700 نوپۇسقا نەپ يەتكۈزگەن.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا قۇرۇلۇشى ساھەسىدە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى جەمئىي تارقاتقان قەرز پۇل 7 مىليارد 880 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.78 كۆپ تارقاتقان، شەھەر - يېزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى نۇقتىلىق قوللىغان.

«كەسىپ تەرەققىياتى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، بانكىمىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى باغ - ئورمان، چارۋىچىلىق قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى» دېدى جېڭ بىن. 1 - ئايدا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ھەرقايسى كەسىپ مۇئامىلىدارلىرىغا جەمئىي 4 مىليارد 846 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى.

بولۇپمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىككە مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىشقا قارىتا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر تۈرى قەرز پۇلىدىن جەمئىي 2 مىليارد 825 مىليون يۈەن تارقاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %93.06 كۆپ تارقاتقان، بۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلىغان.

«بىز يېشىل كىرېدىت باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلدۇق.» جېڭ بىن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى 1 - ئايدا ئېكولوگىيە تۈرىدىكى قەرز پۇلدىن جەمئىي 200 مىليون يۈەن تارقىتىپ، قەشقەرنىڭ شەھەر - يېزا مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق قوللىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار تۈرلەرگە قەرز پۇل تارقىتىش سالمىقىنى زورايتتى. 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، بۇ بانكىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 33 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 61 ئاشتى، 1 - ئايدا، بۇ بانكا جەمئىي 200 مىليون يۈەنگە يېقىن ساياھەت قەرز پۇلى تارقاتتى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت