شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​جۇڭگو 9 ئالتۇن مېدال بىلەن 3 - ئورۇنغا ئۆتتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

سۈي ۋېنجىڭ بىلەن خەن سۇڭ چېمپىيون بولدى​

جۇڭگو 9 ئالتۇن مېدال بىلەن 3 - ئورۇنغا ئۆتتى


2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۇڭگو ماھىرى سۈي ۋېنجىڭ (ئوڭدا) بىلەن خەن سۇڭ مېدال تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيۇڭ چى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دىڭ ۋېنشيەن، ۋاڭ خېڭجى، جاڭ زېۋېي) ئالقىش سادالىرى ئەتراپنى بىر ئالدى، كۆز ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى، سۈي ۋېنجىڭ بىلەن خەن سۇڭ 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش بويىچە قوش كىشىلىك تېيىلىش مۇسابىقىسىدە كۈچلۈك رەقىبىنى جاسارەت بىلەن يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن 1 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن 9 - ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، نۆۋەتتە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئېشىپ، 9 ئالتۇن مېدال، 4 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال بىلەن مېدال سانى رەت تەرتىپىدە 3 - ئورۇنغا ئۆتتى.

سۈي ۋېنجىڭ بىلەن خەن سۇڭ قىسقا نومۇر كۆرسىتىشتە 1 - بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئەركىن تېيىلىش تۈرىگە تاللاندى. شۇ كۈنى كەچتىكى مۇسابىقىدە، ئۇلار ماھارىتىنى قالتىس جارى قىلدۇرۇپ، 155.47 نومۇرغا ئېرىشىپ، 239.88 نومۇرلۇق ئومۇمىي نەتىجە بىلەن ئۈچ جۈپ رۇسىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خەتەرلىك «قورشاۋى»نى بۆسۈپ ئۆتۈپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. پىڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 0.43 نومۇر پەرقى بىلەن يېڭىلىپ قېلىشتەك ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەن، يېقىنقى تۆت يىلدا يارىلىنىش ۋە كېسەل ئازابىنى يەڭگەن، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا قوش كىشىلىك تېيىلىش بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاخىر داڭقى چىقتى. 2010 - يىللىق ۋانكۇۋىر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شېن شۆ بىلەن جاۋ خۇڭبو چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ماھىرلىرى يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوققىسىغا چىقتى.

يەنە بىر جۈپ جۇڭگو گۇرۇپپىسى پېڭ چېڭ بىلەن جىن ياڭ 5 - لىككە ئېرىشتى.

باشقا تۈرلەردە، ھەرقايسى ماھىرلارمۇ بەس - بەستە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۈچەشكە ئاتلاندى.

گەرچە ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال ئالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ تارىخ ياراتتى. تۇنجى قېتىم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ قوش كىشىلىك روللۇق چانا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇەي مىڭمىڭ چانا ئەترىتى بىلەن يىڭ چىڭ چانا ئەترىتى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايلانما تېيىلىشنى تاماملاپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 11 - ۋە 14 - ئورۇندا تۇردى. گېرمانىيە ماھىرلىرى چېمپىيونلۇق ۋە 2 - لىكنى قولغا كەلتۈردى.

شۇ كۈنى، قار ئۈستى تۈرىنى يەنە بىر قېتىم «ھاۋارايى بەلگىلىدى.» دالىدا قار تېيىلىش ماھىرلىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە بوراننىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلدى، ئەرلەرنىڭ 50 كىلومېتىرلىق كوللېكتىپ پەللىدىن چىقىش (ئەركىن ماھارەت) مۇسابىقىسى شۇ سەۋەبتىن بىر سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە مۇساپىسى 30 كىلومېتىرغا قىسقارتىلدى. ئەمما خەتەرلىك شارائىت رۇسىيەلىك ئالىكساندىر بولشونوفنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشىنى توسۇپ قالالمىدى، 25 ياشلىق ئۇ بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 3 ئالتۇن مېدال، 1 كۈمۈش مېدال، 1 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى. 4 نەپەر جۇڭگولۇق ماھىرنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېن دېگېن 41 - ئورۇندا تۇردى.

ئوخشاشلا بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇسابىقە باشلىنىدىغان ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش بويىچە ئارىلاشما كوللېكتىپ مۇسابىقىسى ئاۋۋال كېچىكتۈرۈلدى، ئاندىن مۇددىتىنىڭ سۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

«بىڭسىدەي»دە تېز تېيىلىش بويىچە ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى. بېلگىيە ماھىرى بارت سىۋىنگىس ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ پەللىدىن چىقىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى، نىڭ جۇڭيەن 12 - بولدى؛ ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ پەللىدىن چىقىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، گوللاندىيە داڭلىق ماھىرى ئېرەننا سىچوۋتىن ئاخىرقى سىزىقتىن 20 مېتىر ئالدىدىكى ئورۇندا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 3 - ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى، گو دەن 13 - بولدى.

«بىڭلىفاڭ» يېڭى چېمپىيونلارغا تاج كىيدۈرۈشكە گۇۋاھ بولدى، شىۋېتسىيە كوماندىسى تۆتكە قارشى بەش نەتىجە بىلەن ئەنگلىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر مۇز چەينەك تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. ئەركىن قار تېيىلىش مۇسابىقە مەيدانىدا، يېڭى زېلاندىيە ماھىرى نىكو پورتىيوس ئەرلەرنىڭ U شەكىللىك مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى.

2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئارقىدىن سانىغاندا 2 - مۇسابىقە كۈنى بولۇپ، جەمئىي 7 ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتە نورۋىگىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 15 ئالتۇن مېدال، 8 كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانى رەت تەرتىپىدە 1 - ئورۇندا تۇردى. 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرقى بەش تۈرنىڭ چېمپىيونى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، يېپىلىش مۇراسىمىدىكى ئېسىل نومۇرلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت