شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 1 ـ ئايدىكى پايدا ئومۇمىي سوممىسى %19.6 ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 34 مىليارد 663 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 451 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.6ئاشقان؛ يۇقىرىغا تاپشۇرغان باج ـ ھەق 2 مىليارد 991 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.6 ئاشقان.

يېڭى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسى «باشلىنىشتىلا سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئىشنى باشلاشتىلا بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىش»تەك كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى باشقۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتا «چىڭ تۇتۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېز بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ھەرقايسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا «ئۆزئارا بەسلىشىپ جاسارەت بىلەن ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش»تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مالىيە تېز مەلۇم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت كارخانىلىرى ھەم دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 141 مىليارد 978 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئاشتى.

1 ـ ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى − شىنجاڭ جۇڭتەي(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 15 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ئاشتى، پايدا ـ باج 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 ئاشتى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى سىجىل «بىخەتەر، مۇقىم، ئۇزاق، تولۇق، ئەلا» يۈرۈشۈشنى ساقلىدى؛ شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 586 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.41 ئېشىپ، تارىختا 1 ـ ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات قىممىتىنى ياراتتى؛ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تاماملىغان ئايرودۇرۇمغا كىرگەن ـ چىققان يولۇچى مىقدارى 2 مىليون 186 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا، تاماملىغان يۈك پوچتا يوللانمىسى كىرىش ـ چىقىش مىقدارى 17 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ـ قونۇشىغا 22 مىڭ 200 قېتىم كاپالەتلىك قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %13.9، %11.0، %2.7 ئاشتى؛ شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 96 مىليون 230 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.94 ئاشتى؛ شىنجاڭ دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى جەمئىي 449 مىليون يۈەن، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 77 مىليون يۈەن بولدى؛ شىنجاڭ مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ئورنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بازار ئېچىشنى زورايتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۈرلۈك تۈرلەرنى تاماملاش سانى ۋە كەسپىي كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 280 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 20 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى...

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ساۋ جى مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، مۇقىم ئېشىش»قا دائىر تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت