شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«<قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ> − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش>نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (6)»
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بايان ماقالىسى تارقاتتى

«<قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ> − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش>نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (6)»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى «<قانۇنچىللىق گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، قانۇنچىللىق كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ> − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش>نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (6)» ناملىق بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاندى، ئۇ تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ −

«دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ تارىخىي يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى جەزمەن چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن پۇختا قانۇنچىللىق ئاساسى سالىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلدى.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى ئاساسىي تەدبىرى: «دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بولمىسا، بىز دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلالمايمىز، ھاكىمىيەتنى ياخشى يۈرگۈزەلمەيمىز، بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىمىز يوققا چىقىدۇ»؛ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا نىسبەتەن يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش»؛ يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا يۆنىلىش بەلگىلەش: «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك غايەت زور سىستېما قۇرۇلۇشى، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن گەۋدە بويىچە پىلانلاپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، سىياسىي روشەن بولغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئادىل، ئېكولوگىيەسى ياخشى قانۇنچىل دۆلەت چوڭ قەدەم بىلەن بىزگە قاراپ كەلمەكتە.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت