شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​«<يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول تېپىش> − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش>نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (7)»
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بايان ماقالىسى تارقاتتى

​«<يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول تېپىش> − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش>نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (7)»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى «<يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول تېپىش> − <ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش>نىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى نامايان قىلغانلىقى توغرىسىدا بايان (7)» ناملىق بايان ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق ئىچكى خاس مەزمۇنى يىغىنچاقلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى −

«جەزمەن سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.

ماقالە مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش: «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش»؛ ئىدىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تەرەققىيات، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «بولۇش - بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش - بولماسلىق»قا ئۆزگىرىشىدۇر؛ كەلگۈسى ئەندىزىنى قايتا يارىتىش: «بۇ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەل قىلغۇچ قەدەم».

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ، بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى.» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى پۇختا ئىگىلەپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلانساق، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ!

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت