شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 27 - قېتىملىق مەملىكەتلىك يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يېڭى بۇرچنى ياخشى زىممىگە ئېلىش، يېڭى يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئارقىلىق تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قاتارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئىگىلەپ، سىجىل تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى نىزام ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى ۋاقىت - شارائىتقا قاراپ، ئېھتىياجغا قاراپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش، پۈتۈن رايون ئورتاق نىزام چىقىرىش، كىچىك، تېز، جانلىق ۋە كىچىك دائىرىلىك نىزام چىقىرىش، «N+1» نىزام چىقىرىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نىزام چىقىرىش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك. پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كۈچلەردىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: نىزام چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە خىزمەت تارماقلىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قانۇن بويىچە نىزام چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى تەستىقلاشقا يوللاش خىزمىتىنى چىڭىتىپ، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتى پىلانىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى - يېزا خىزمىتى كومىتېتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت