شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مېھىر-مۇھەببەت بولسىلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغىلى بولىدۇ
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-22 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ) «ياۋ ئانا، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ، چوقۇم ۋاقتىدا تاماق يەڭ، ھەپتە ئاخىرىدا بىز بىكار بولۇپلا سىزنى كۆرگىلى بارىمىز». باھار بايرىمى ھارپىسىدا، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى «قەلبداشلار» ئاشخانىسىدا، ئاشخانا ئىگىسى مامۇت سىدىق 74 ياشلىق ياۋ شۇمېيغا تېلېفون قىلدى. ياۋ شۇمېينىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  2008-يىلى، مامۇت بىلەن خوتۇنى ھۆرىگۈل ھاشىم قەشقەردىن مايتاغقا كېلىپ ئىشلىدى، ئۇلار مايتاغ رايونىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقاندا، ئاشخانىدا بىللە ئىشلەيدىغان ياۋ شۇمېي بىلەن تونۇشتى. ياۋ شۇمېي كىشىلەرگە مۇلايىم، قىزغىن، سېخىي بولۇپ، ئادەتتە مامۇت ئەر-خوتۇن بىلەن ھەمىشە دېگۈدەك ئەھۋاللىشىپ تۇراتتى. «سىلەرنى كۆرسەم بالىلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇلار باشقا شەھەردە ئىشلەۋاتىدۇ، ئۆيدىن ئايرىلىپ سىرتتا ياشاش ئاسان ئەمەس، تۇرمۇشتا قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ.» ياۋ شۇمېينىڭ بۇ سۆزى مامۇتنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

  پاراڭ ئارىلىقىدا، ياۋ شۇمېي مامۇت ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى، مامۇتنىڭ تېخى مۇۋاپىق ئۆي تاپالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ۋاقتىنچە بولسىمۇ تۇرۇپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. «مېنىڭ قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى، ئۇ ئاپام بىلەن تەڭ دېمەتلىك، بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى <ئانا> دەپ چاقىرىمىز» دېدى مامۇت تەسىرلەنگەن ھالدا.

  ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، مامۇت ئۆي ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلدى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بوش ۋاقىتلىرىدا ياۋ شۇمېيدىن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى، بىللە ئۆتكەن كۈنلەردە، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، كۆڭلى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

  2009-يىلى، ھۆرىگۈل ھامىلىدار بولۇپ قالدى، ياۋ شۇمېيغا ئاۋارىچىلىك سالماسلىق ئۈچۈن، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن باشقا ئۆي تېپىشنى قارار قىلدى. كۆچۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، مامۇت ياۋ شۇمېينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ياۋ ئانا، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، بىز سىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمىز» دەپ تاپىلىدى.

  كېيىن مامۇت ئەر-خوتۇن جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق توپلىغان پۇلى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلدى. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مۇۋاپىق دۇكان تاپالماسلىق، تىجارەت كىنىشكىسىنى قانداق بېجىرىشنى بىلمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر مامۇتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، مۇۋاپىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ بەردى.

  2016-يىلى، مامۇتنىڭ ئاشخانىسى تىجارەت باشلاپ، ئۇنىڭغا «قەلبداشلار» دەپ ئىسىم قويۇلدى. «ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئىككىمىزگىلا تايىنىپ ئاشخانا ئېچىپ بولالمايتتۇق، ئاشخانىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۆزنىكىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مامۇت.

  2021-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ياۋ شۇمېينىڭ 74 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى. قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى 4-مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، مامۇت قوشنىلىرىنى ياۋ شۇمېينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلدى. «بالام، بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى، رەھمەت سىزگە» دېدى ياۋ شۇمېي ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ.

  كىچىككىنە ئىللىقلىقلار مامۇتنى مايتاغ رايونىدا يىلتىز تارتقۇزدى، ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى. ئۇ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە مەززىلىك پولۇ ئېتىپ ياشانغان ئىگە-چاقىسىزلارغا سۇندى؛ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىدىن ھال سوراشنى ئۇنتۇمىدى؛ مەيلى قەيەردە ئاپەت يۈزبەرسۇن، ئۇ دائىم پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا تىجارەتچىلەرنى بىرلىكتە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

  «مېھىر-مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا تايانغاندىلا، ئاندىن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز» دېدى مامۇت.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت