شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قىزىم، سىزگە باھار بايرىمىلىق ساڭزا سېلىپ قويدۇم
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

 ئاپتور: ۋاڭ شىنخۇڭ

    «قىزىم، سىزگە باھار بايرىمىلىق ساڭزا سېلىپ قويدۇم.» 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەتىگەندىلا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى نىيە ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىنىڭ كادىرى سۇ چيەن ئۇيغۇر ئاپىسى پاتەمخان تۇردىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

    2016-يىلى 11-ئايدا، سۇ چيەن نىيە ناھىيەسىنىڭ روكىيا يېزىسى لاۋگۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتەمخان بىلەن تۇغقانلاشتى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئانا-بالىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتى.

    پاتەمخاننىڭ ئېيتىشىچە، سۇ چيەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدىكى شۇ مەنزىرە ھېلىھەم ئېسىدە ئىكەن.

    «شۇ ۋاقىتتا پۇتۇم ئاغرىپ كارىۋاتتا ياتقانىدىم. سۇ چيەن كېلىپ يېنىمدا ئولتۇرۇپ، مەندىن ھال-ئەھۋال سورىدى. قايتىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ماڭا دورا ئەكېلىپ بەردى» دېدى پاتەمخان.

    سۇ چيەن پاتەمخانغا دورا ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە دوختۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ، پاتەمخاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن، سۇ چيەن ئېرى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ پاتەمخاننى يەنە نىيە ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تەپسىلىي تەكشۈرتتى.

    ​پاتەمخان مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سۇچيەن بىلەن ئۇنىڭ ئېرى يەنە مېنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىمنى تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇ مېنىڭ قىزىمدەكلا بولۇپ قالدى».

    2017-يىلى باھار بايرىمىنىڭ بىر كۈنى، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان سۇ چيەن تۇيۇقسىز بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى. ئەسلىدە پاتەمخان ئېرى بىلەن قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ ئۇنىڭغا باھار بايرىمىلىق ساڭزا ۋە ياڭاق ئەكەلگەن ئىكەن.

    «شۇ ۋاقىتتا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتىم، ئېتىلىپ بېرىپ پاتەمخان ئاپامنى قۇچاقلىۋالدىم، كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز بەخت ياشلىرى تۆكۈلدى» دېدى سۇ چيەن.

    پاتەمخان سۇ چيەننىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋەتكەن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ سۇ چيەنگە مۇنداق دېدى: «بالام، بۇنىڭدىن كېيىن مەن سىزنىڭ يەنە بىر ئاپىڭىز بولىمەن».

    سۇ چيەن ساڭزا بىلەن ياڭاقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، پاتەمخانغا قاراپ: «ئاپا!» دەپ چاقىردى.

    شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىلى باھار بايرىمىدا پاتەمخان سۇ چيەنگە ساڭزا سېلىپ بېرىدىغان بولدى. «پاتەمخان ئاپام بۇ يىل باھار بايرىمىدا، ئۆيىدىكىلىرى بىلەن بىللە ئۆيۈمگە كېلىپ، بىز بىلەن بىللە جەم بولۇش تامىقى يەپ، بىللە جەم بولۇپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى سۇ چيەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

    «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت