شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

​− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەختلىك جۇڭگو يېڭى يىلىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى

1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، يولۇچىلار ۋە پويىز خادىملىرى پويىزدا بىرلىكتە «ۋەتەننى كۈيلەيمىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا. سۈرەتتە: شۇ كۈنى T9526 - قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنىڭ پويىز خادىملىرى ۋە يولۇچىلار بىرلىكتە پويىزدا «باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى» ئۆتكۈزۈپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئالتۇن كالا كونا يىل بىلەن بىللە ئۇزاپ كەتتى، قۇتلۇق يولۋاس باھارنى ئېلىپ كەلدى. باھار بايرىمى مول ھوسۇلدىن، جەم بولۇشتىن، خۇشال - خۇرام يىغىلىشتىن ۋە يېڭى ئۈمىدتىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ ئىككى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزگىرىش توغرىسىدا سۆزلىشىپ، تەرەققىيات توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا مۇڭدىشىپ، كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى شاد - خۇرام، ئىناق كەيپىياتقا تولدى، ھەممە جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرى ئۇرغۇدى.

باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مورى بازىرى ئاۋۇل مەھەللىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چۇنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە باھار بايرىمى ئۆتكۈزدى!

باھار بايرىمىلىق داقا - دۇمباقلار چېلىنىپ، بايراملىق نومۇرلار بەس - بەستە ئورۇنلاندى، ناخشا «12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى»، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»، ئۇسسۇل «خۇشال چاغلار»... ياخشى نومۇرلار ئارقا - ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، خۇشال - خۇرام بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

«بۇ پائالىيەت قوشنىلار ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بايرام كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ قىزىتتى، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق!» دېدى مەھەللە ئاھالىسى قاسىپقان خۇشال ھالدا. ئانار گۈلى ئېچىلدى، ھەممە قەلبداش بولدى. بۇ مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇ سەييەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن مەھەللە مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىنى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى «بەخت ئۆتىڭى»گە ئايلاندۇرىدۇ.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى قۇمھويلا كەنتىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە چۇنليەن، پانۇس، «بەخت» خېتى قاتارلىق باھار بايرىمىلىق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلدى ھەم ئۇلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. كەنت ئاھالىلىرى قويۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى پۇرىقى ۋە قويۇق بايرام تۈسىنى ھېس قىلدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، قۇمھويلا كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى مۇقاي جارقىنبېك مۇنداق دېدى: باھار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بىز تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە باھار بايرىمى ئۆتكۈزدۇق، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى، كەلگۈسى كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ ئىككى كۈندە، قاراقاش ناھىيەسى قويچى يېزىسى چىراغدۆڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەيرىنسا تۇرسۇنتوختى خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە كۆپچىلىك بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەكلا خۇشال بولدۇق».

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ما يۈشېڭ مۇنداق دېدى: پائالىيەتتە كادىرلار، ئامما بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئويناپ، باھار بايرىمىلىق تىلىكىنى ئورتاق ئىپادىلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، يۇغۇرۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. كۆپچىلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ.

«تاك تاك تاك...» 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەل باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنى، ئەتىگەندىلا كۈيتۈن شەھىرى ئاھالىسى سۈن پېيشيانىڭ ئىشىكى چېكىلدى. ئۇ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچتى، ئويلىغىنىدەك ئانارگۈل سەمەت بىر ئائىلە كىشىلىرى باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەپ كەلگەنىدى. سۈن پېيشيا ئىلگىرى ئانارگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ئىدى. دائىم بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. بايرام كۈنلىرىدە ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر - بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەبرىكلەش، ئۆزئارا بەخت تىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغانىدى.

«بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى مەھەللىلەردە ھەر مىللەت ئاھالىلەر ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ. كۆپچىلىك ئىتتىپاق - ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، ھەممە يەردە خۇشال، ئىناق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.» سۈن پېيشيا مۇنداق دېدى: «بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، گۈزەل ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز».

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ، ليۇ شياڭ، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى چيەن، ئاينۇر ئوسمان)

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت