شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئاكا-ئۇكا بىر نىيەتتە ئالتۇن ئالما قورۇقىنى «جانلاندۇردى»
يوللانغان ۋاقىت :2022-02-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

   ئاپتورلار: گې يوۋجۈن، جاڭ دېفېڭ

  «ئىكرام ئاكا، بۇ يىل بىز يەنە ئامال قىلىپ دېھقانلار ئارامگاھىنى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلايلى، بۇنداق بولغاندا خېرىدارلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بىز ئائىلىنىڭ كىرىمىنى يىلدىن-يىلغا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىكرامنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى جاڭ يۇڭجىن شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى دۇڭتەيزى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىكرام ئەكبەرنىڭ ئۆيىدە.

  ـــ بەك توغرا دېدىڭىز، مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان، بۇ يىل شۇنداق قىلايلى! ـــ دېدى ئىكرام.

  ئۇ ئىككىسى 2017-يىلى 2-ئايدا قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، بۇنداق كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى قانچە قېتىم قىلىشقىنىنى ئىكرام ئەسلەپ بولالمايدۇ، لېكىن ھەر قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن، ئىكرام كىرىمنى ئاشۇرۇش پىكىر يولىنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولغانلىقىنى، ئىشەنچىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

  ئىكرام بىرقانچە يىل ئىلگىرى ماھارىتى بولمىغاچقا، بېيىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپالماي، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغانىدى. 2017-يىلى، جىمىسار ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ يۇڭجىن ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتە ئۇنىڭغا پائال چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.

  دوڭتەيزى كەنتى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندىكى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچىدە. تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، جاڭ يۇڭجىن ئىكرامنىڭ ھويلىسىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، يەنە ئون مو ئالمىلىق بېغى بارلىقىنى بايقىدى. بىراق پەرۋىش قىلىشقا سەل قارىغاچقا، شۇ يىللاردا ئالمىلىق باغنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن ۋە سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. جاڭ يۇڭجىن ئىكرامنىڭ ھويلا-ئاراندىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالمىلىق باغنى ئىنچىكە پەرۋىش قىلىش ھەم ئۈزۈش تۈرىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، ھويلا-ئاراندا دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى پىلانلىدى.

  جاڭ يۇڭجىننىڭ ئويىنى ئاڭلاپ، ئىكرامنىڭ كۆڭلىدە ئۈمىد تۇغۇلدى.

  2017-يىلى ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن، جاڭ يۇڭجىن بىلەن ئىكرام بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇلار بىرلىكتە ھويلىنى يېڭىلىدى، يەنە گۈل-گىياھ تېرىدى. جاڭ يۇڭجىن 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ئىكرام ئۈچۈن ئىككى كىگىز ئۆي سېتىۋالدى، يەنە ئۇنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىغا ئالتۇن ئالما قورۇقى دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇپ بەردى.

  شۇ يىلى يازدا، ئالتۇن ئالما قورۇقى رەسمىي ئېچىلىپ خېرىدار كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى. جاڭ يۇڭجىن بوش ۋاقتى بولسىلا دېھقانلار ئارامگاھىغا بېرىپ ئايلىنىپ، ئىكرام بىلەن سودىنى جانلاندۇرۇشنى مەسلىھەتلەشتى. دەسلەپتە، ئالتۇن ئالما قورۇقىدا خېرىدارلار ناھايىتى ئاز ئىدى، جاڭ يۇڭجىن خالىس تەشۋىقاتچى بولدى، يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئىكرامنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىغا بېرىپ دەم ئېلىپ، سالقىنداشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىكرامنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئالتۇن ئالما قورۇقىنىڭ داڭقى چىقىپ، خېرىدارلار كۆپەيدى، كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  2017-يىلى 10-ئايدا، ئىكرامنىڭ ئالمىلىق بېغىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. ئەينى چاغدا، بىر مېۋە سودىگىرى باغدىكى بارلىق ئالمىلارنى 50 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالماقچى بولدى، لېكىن ئىكرام بىلەن ئاغزاكىلا كېلىشىپ، يازما كېلىشىم تۈزمىگەنىدى. مېۋە سودىگىرى ئالمىنى ئېلىپ كېتىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتسىمۇ، پۇل يەنىلا ھېساباتقا كىرمىدى، سودىگەر قايتا-قايتا كەينىگە سۆرىگەچكە، ئىكرام ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ، بۇ ئىشنى جاڭ يۇڭجىنغا ئېيتتى. جاڭ يۇڭجىن دەرھال سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، سودىگەرگە قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنىڭغا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنى ئېيتتى، يېرىم ئايدىن كېيىن ئىكرام ساتقان ئالمىنىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «كۈنلىرىمىز ياخشىلاندى، لېكىن بىز ھازىرقى ھالەت بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ھەر يىلى يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.» جاڭ يۇڭجىن دائىم مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىكرامنى رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ بىر قانچە يىلدا جاڭ يۇڭجىننىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشى بىلەن، ئىكرام بىر تەرەپتىن ئالمىلىق باغنى پەرۋىش قىلىپ، بىر تەرەپتىن دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، يەنە كالا، قوي باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، كىرىمىمۇ مۇقىم ئاشتى.

  2020-يىلى كۈزدە، ئىكرام ئائىلىسىنىڭ ئالما سېتىش يولى بىرمەھەل راۋان بولمىدى، جاڭ يۇڭجىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئالما سېتىش ئۇچۇرى يېزىپ، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلدى، يەنە تەرەپ-تەرەپتىن سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلەشتى، ئاخىرى ئىكرام ئالما سېتىش يولىنى تاپتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىكرام بىلەن جاڭ يۇڭجىننىڭ دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. جاڭ يۇڭجىن مۇنداق دېدى: «بىز دائىم بىللە تاماق يەيمىز، بىللە تۇرىمىز، بىللە ئەمگەك قىلىمىز، پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى بىللە ئۆگىنىمىز، خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشتەك».

  ئىكرام مۇنداق دېدى: «جاڭ يۇڭجىندەك بۇنداق ئىنىم بىلەن تونۇشقىنىمدىن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشالمەن، بۇ بىرنەچچە يىلدا ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەر قېتىم باشقىلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، مەن دائىم مېنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ياخشى ئىنىم بار دەيمەن!»

مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت