شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2022-01-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كۇچا شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى چىڭفېڭيۈەن مەھەللىسى، شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتى، ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، چۆچەك شەھەرلىك ئاككوردىيون مۇزېيى، دۆربىلجىن ناھىيەسى (بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، لياۋياڭ) سانائەت باغچە رايونى، شىخو شەھەرلىك مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، ساۋەن شەھەرلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھەمدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئىگىلەپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىغا قاتنىشىش، تۈرلۈك تەكلىپ ۋە دوكلاتلارنى قاراپ چىقىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

شۇ جايدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللاشقان، بازارلاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال بەرپا قىپتۇ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم ئىكەن، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىپتۇ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپتۇ.

ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق زور ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى. كۆپچىلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا قىممىتى بار قاراپ چىقىش پىكرى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، ۋەكىللەر كۆزدىن كەچۈرۈش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىگە قارىتا بەزى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرى ئەستايىدىل رەتلەپ ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلىدۇ.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت