ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 360 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ 1 - پەسىلدە، تۈرلۈك قەرز پۇل يېڭىدىن 73 مىليارد 260 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى 2010 - يىلىدىن بۇيانقى ھەر يىلى 1 - پەسىللىك ئېشىش مىقدارىنىڭ يېڭى يۇقىرى سەۋىيەسىنى يارىتىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللاپ، پۇل مۇئامىلە تەمىناتىدا «ئومۇمىي مىقدار سىجىل كېڭىيىش، قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىش» ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.
دېھقان ئائىلىلىرى قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 142 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى. 1 - پەسىلدە شىنجاڭدا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قەرز پۇلى يېڭىدىن 26 مىليارد 510 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش مەبلىغىگە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.
كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 426 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.2 ئاشتى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى يېڭىدىن 16 مىليارد 730 مىليون يۈەن ئېشىپ، بارلىق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ %73.1ىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
ئۇل قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز ئاشتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا ئۇل قۇرۇلۇشنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 572 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىنىڭ قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.1 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 29.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈنۈملۈك قوللىدى.
ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلى مۇقىم ئاشتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 100 مىليارد 40 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇلى سىجىل ئاشتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 287 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 7.3، 6.4 ۋە 5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.