شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىغا كىشىلەر كۆڭۈل بۆلدى، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى - ياردەم بەردى
يوللانغان ۋاقىت :2021-05-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

 

   ئاپتونوم رايون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

 

    بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىغا كىشىلەر كۆڭۈل بۆلدى، شىنجاڭدىكى ھەر ساھە پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى - ياردەم بەردى

 

    ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ياشلىق بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەر كۆڭۈل بۆلمەكتە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغانلىقى - ياردەم بەرگەنلىكى چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بۇ ئىش توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

 

    ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قۇتقۇزۇپ داۋالانغان بالىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ئابدۇمىجىت ئىمىن ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تونۇشتۇردى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئەركىن رەجەپ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ يەن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ 120 ئاپتوموبىلىدىكى دوختۇر ساۋ خۇڭمىن ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى لى لى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاغرىق بالىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى تونۇشتۇردى، بۇ، تېز سۈرئەتتە ماسلاشتۇرۇش، ئالدىن لايىھە تۈزۈش، يېشىل يول ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

    «ئەگەر ھۆكۈمەت ۋە كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردىمى بولمىغان بولسا، بالىمىز بىلىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى جۇڭگودا ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن، شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمىز» دېدى ئابدۇمىجىت.

 

    كېسەل رەھىمسىز بولسىمۇ، دۇنيا مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن يەتتە ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىنى ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى جانلىق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق مۇناسىۋىتىنى جانلىق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ ھاياتلىقنى قوغداش - ئاسراش، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈشتەك جەمئىيەت كەيپىياتىنى جانلىق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى جانلىق نامايان قىلدى. لېكىن ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا قايتا - قايتا تۆھمەت قىلدى، جىنايەت ئارتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىش ئەمەس، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئەمەس، بەلكى سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن شىنجاڭ قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى، ھەر مىللەت ئامما كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىدەك پاكىت ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قايتا - قايتا ئۇردى.

 

    شۈ گۇيشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەكسىچە ئامېرىكىغا قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندىكى يۈزەكى گۈللىنىش ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئىززەت - ھۆرمەتنى كەمسىتىدىغان جىنايى تارىخىنى يوشۇرالمايدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكا تارىختا ئىندىيانلارنى كەڭ كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە قىرغىن قىلىش ئارقىلىق ئىندىيانلارنىڭ نوپۇسىنى 1492 - يىلىدىكى 5 مىليوندىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى 250 مىڭغا چۈشۈرۈپ قويغان، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىكى ئىندىيانلارنىڭ سانى ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %2ىنى ئىگىلەيدۇ. ھازىر، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا «بالىلار ھوقۇق - مەنپەئىتى ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاشنى رەت قىلماقتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىستەك كەمچىل بولۇپلا قالماي، بەلكى ئالاقىدار ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتىپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە يۆلەكسىز قېلىشىنى، زوراۋانلىق، بوزەك قىلىنىش، خارلىنىش قاتارلىقلارغا دۇچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلىغا قەدەر، ئامېرىكىدا يەنىلا 12 مىليون 800 مىڭ بالا نامراتلىق ئىچىدە ياشىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن ئۈچ قىسمى ئاز سانلىق ئىرقتىكىلەر بولۇپ، ئاز سانلىق ئىرقتىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق نىسبىتى تەخمىنەن %25كە يەتكەن.

 

    «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتى 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇنداق خەۋەر قىلغان: 2020 - يىلى 3 - ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىگە قارىماي، ئاز دېگەندىمۇ 8800 نەپەر قارىغۇچىسى يوق قانۇنسىز كۆچمەن بالىنى چېگرادىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقاردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتكەن مېكسىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىلىك كۆچمەن بالىلار خەتەرگە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا.

 

    شۈ گۇيشياڭ مۇنداق دېدى: ئۆزىدىكى قاتمۇقات جىنايەت ۋە نۇرغۇن رەزىللىك ئالدىدا، ئامېرىكا قايسى يۈزى بىلەن، قايسى سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كەلسە - كەلمەس قول تىقىدۇ، كەلسە - كەلمەس بىلجىرلايدۇ؟

 

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت