شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2021-04-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

 

   پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى

 

    «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

 

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<’مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن‘ ئەمەلىيەت پائالىيىتى خىزمەت لايىھەسى> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 

    «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ئەمەلىيەتنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى، تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چاكارلىق ئېڭى، خەلقچىل ھېسسىياتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىن ئىشلارنى، ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

 

    «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى، كۈچنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتە ئەمەلىي ئىش قىلىپ، گۈزەل، يېقىشلىق، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، خەلق ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا - كەنت قۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىشتا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىپ، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي قاتلامدا بەرپا قىلىش كېرەك.

 

    «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، خەلق رايىنى بىلىشنى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قەدىمى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈش، قارىمىقىدىكى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈش، خىزمەت مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى ئىگىلەش كېرەك. دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى مەركەزلەشكەن ئورتاق ئېھتىياج ۋە ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تەرەققىياتتا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» نۇقتىلىق تۈرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يولغا قويۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەرنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنى كۆزلەيدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خەلققە بىۋاسىتە بەخت يارىتىدىغان بىر تۈركۈم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرى ۋە كەڭ ئاممىنى پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرىدىغان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىدىغان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە خەلق ئاممىسى بەس - بەستە قاتنىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 

    «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى تىزىملىكىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشى؛ تۈرگە، قاتلامغا بۆلۈپ يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ئايرىم - ئايرىم تەلەپ قويۇشى؛ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ۋە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈشى؛ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دىققەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردەياخشى ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك بېجىرىشى كېرەك.

 

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت